تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ بولىۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى خەلق سارىيىدا بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مورالېسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى خەلق سارىيىدا بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو – بولىۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو – بولىۋىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي پەللىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بىردەك قارار قىلدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىزچىل مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ بولىۋىيەنىڭ قەتئىي ھالدا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. بىز بولىۋىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى كەلگۈسى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.
                                  
   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستانە ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي بىر – بىرىنى قوللاپ، ھەر قايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىشىدىغان تەرەققىيات ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسىدا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما، سودا، مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بولىۋىيەدىن تېخىمۇ كۆپ خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ. جۇڭگو – بولىۋىيە مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، شۇڭا مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان يېقىن ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، ب د ت ئىشلىرى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق زور خەلقئارا مەسىلىلەردە داۋاملىق ھالدا مەيدانىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورتاق ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى خەلق سارىيىدا بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مورالېسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   مورالېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بولىۋىيە خەلقىنىڭ جۇڭگوغا چوڭقۇر مېھرى بار، بولىۋىيە خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە نەتىجىلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، ئىناق ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. جۇڭگو بولىۋىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللىغاندا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغاندا ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمىدى، بولىۋىيە جۇڭگوغا يۈكسەك ئىشىنىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقى، بۇ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا قوللاش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا گەۋدىلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ھالدا باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىنى يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپ بولىۋىيە تەرەپ بىلەن جۇڭگو – لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

   سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كۆپ مىللەتلىك بولىۋىيە دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى››غا ئىمزا قويدى ھەم بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھچى بولدى.

   سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مورالېسنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، خې ۋېي قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.