تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو بىلەن كۆرۈشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6–ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 14–كۈنى خەلق سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو بىلەن كۆرۈشتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، ئىككى تەرەپ كوللېكتىپىنىڭ ترامپ بىلەن بېيجىڭدا ئۇچراشقىنىمدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپنى كونترول قىلىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى بىزگە شۇنداق مۇھىم ئىلھام بەردىكى، بىر–بىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىگە باشتىن–ئاخىر توغرا مۇئامىلە قىلىپ، بىر–بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. جۇڭگو ئىزچىل ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقە ۋە مېخانىزم خاراكتېرلىك سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى، يەرلىك ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن، ئىقتىساد–سودا سۈركىلىشى قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى، جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ چوڭ خەلقئارا، رايون ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.

   پومپېئو ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە مۇھىم پىكىر ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. پومپېئو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، ئامېرىكا–جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون دۇچ كەلگەن خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتە ئوينىغان مۇھىم رولىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ پومپېئوغا زۇڭتۇڭ ترامپتىن ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچراشتى ھەم ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، يېرىم ئارالنىڭ يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم بىر قەدەم، جۇڭگو ئىككى تەرەپنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ. يېرىم ئارال مەسىلىسى مۇرەككەپ، بۇنى ھەل قىلىشتا مۇقەررەر ھالدا تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانى بولىدۇ. ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە داۋاملىق بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئاكتىپ، ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

   ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.