تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى ھەم بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا

   يەلكەنلىك كېمە دولقۇنغا ئەگىشىپ ئاستا – ئاستا قوزغالدى.

   دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە جۇڭگو چىڭداۋدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتى، كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت، ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشى، ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى... قىسقىغىنا ئىككى كۈندە، 20 مەيداندىن كۆپرەك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، باشلىقلار يىغىنىدا كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى يېڭى ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.

   رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، مەۋقەنى ياۋروپا، ئاسىياغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ‹‹شاڭخەي روھى›› ئۈستىدە كېڭىشىپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، تەرەققىيات لايىھەسىنى تۈزۈپ، دۇنياۋى دەرىجىلىك باشلىقلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، تەمكىن بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى نامايان قىلدى.

   خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلى، فۇشەن قولتۇقى بويىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل ‹‹يەلكەنلىك كېمە ماكانى››دا، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

   ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان چوڭ دۆلەت روھىغا گۇۋاھچى بولۇش

   بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. رەئىس شى جىنپىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدە، ئۆز قولى بىلەن بىر قاتار تەكلىپنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزدى.

   تەكلىپكە بىنائەن كەلگەن ئەربابلار چوڭ ئىشلار ئۈستىدە كېڭىشىشكە ھازىرلاندى.

   6 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە، ئايروپىلانلار ئارقا – ئارقىدىن چىڭداۋ ليۇتىڭ ئايروپورتىغا قوندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى خۇاڭخەي دېڭىزى ساھىلىدا جەم بولۇپ، ھەمكارلىق، تەرەققىيات ئۇلۇغ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

   ‹‹يىراقتىن دوستلىرىڭ كەلسە، خۇشاللىقتىن بېشىڭ كۆككە يەتمەمدۇ؟››

   6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى كەچ، خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ زىياپەت زالىغا ئېسىلغان ‹‹گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللىنىش دەۋرى›› دېگەن جۇڭگوچە رەسىم كىشىگە تولىمۇ ھۇزۇر بېغىشلايتتى.

   رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ساھىبخانغا خاس سەمىمىيىتى ۋە قىزغىنلىقىنى بىلدۈردى.

   بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقىلىق سالاھىيىتى بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىشى. ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە ئەسلىي ماكانىغا قايتىپ كەلدى، خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىغا كۈچلۈك تەقەززا بولدى.

   شەندۇڭ زېمىنى كۇڭزى، مىڭزىنىڭ يۇرتى بولۇپ، كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە پۇرىقىغا ئىگە.

   كۇڭزىچىلار ‹‹ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلسە، جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ›› دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، ‹‹دۆلەتلەر ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغاندىلا، ھەممە جاي ئۆز ئۆيۈڭدەك بىلىنىدۇ›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل ‹‹تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق›› ئىدىيەسى ‹‹شاڭخەي روھى›› بىلەن نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشلىققا ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىدە قەدەھ سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ئىدىيەسى بىلەن ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ ئىچكى باغلىنىشى ئۈستىدە توختالدى.

   ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك ‹‹شاڭخەي روھى›› شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ روھى ۋە ئاساسى؛ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان ‹‹تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق›› ئىدىيەسىنىڭ دەۋر تەپەككۇرى، جۇڭگو ئىدىيەسىنىڭ ‹‹شاڭخەي روھى›› بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى.

   بۇ ئىدىيەنى نامايان قىلىدىغان بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيەت ــــ

   6– ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيدان. يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بويىچە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ كەلگەن چەت ئەل رەھبىرى ــــ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋنى قىزغىن قارشى ئالدى.

   ‹‹جۇڭگو قائىدە – يوسۇن چوڭ دۆلىتى، قەدىمدە شيا دەپ ئاتالغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ كىيىم – كېچىكى ئەڭ گۈزەل بولۇپ، خۇا دەپ ئاتالغان››. دىپلوماتىيە قائىدىسى بويىچە مېھمان كۈتۈش تەپسىلاتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقان شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ تەمكىن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان روھىي ھالىتى، سالماق، سالاپەتلىك قامىتى، سەمىمىي، دوستانە قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

   ئۇزاق تارىخقا ئىگە كۇڭزى مەدەنىيىتى، يىغىن مەيدانىدىكى شىپاڭ ۋە ئايۋانلار، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە سەنئەت نومۇرلىرى... شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدىكى ھەر بىر تەپسىلاتتا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تۈسى گەۋدىلەندى.

   بۇ بىر قېتىملىق يېڭى ‹‹چوڭ ئائىلە›› يىغىلىشى ــــ

   چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىستان، پاكىستاننى ئەزالىققا قوبۇل قىلىپ، تەشكىلاتنى كېڭەيتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار كېڭىشى يىغىنى بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ‹‹بۇ، پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم رەسمىي ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىشى، شۇڭا يىغىن يېڭى ئەھمىيەتكە ئىگە››. رەئىس شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ ئەنرېن زالىدا پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلىدى.

   رەئىس شى جىنپىڭ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن ۋۇخەندە بىرەسمىي سۆھبەتلەشكەن. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلىدى.

   ‹‹ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىگە قاراپ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك...›› رەئىس شى جىنپىڭ كىچىك دائىرىلىك سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ، جۇڭگو  تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹شاڭخەي روھى››غا يېڭى دەۋر مەناسى بېغىشلىدى. نەق مەيداندىكىلەر بەس – بەستە باش لىڭشىتىپ، قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

   بۇ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدىغان تارىخىي مۇساپە ــــ

   جۇڭگو قۇرۇشقا قاتناشتى، جۇڭگودىكى شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى، كاتىبات باشقارمىسى جۇڭگو زېمىنىدا تەسىس قىلىندى... جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە باشتىن – ئاخىر زور كۈچ چىقىرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى دىپلوماتىيەدە ئالدىنقى يۆنىلىشنىڭ بىرى قىلدى.

   قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك، تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە، رۇسىيەنىڭ ئۇفا، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت، قازاقىستاننىڭ ئاستانا... بەش يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ‹‹شاڭخەي روھى››نى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭغا پۈتمەس – تۈگىمەس ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

   بۈگۈن مۇنبەت بىپايان شەندۇڭ زېمىنى جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئۆزئارا سىڭىشىش، ئۆزئارا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخىي پەيتىگە گۇۋاھچى بولدى؛ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان جۇڭخۇا مىللىتى يەنە بىر قېتىم دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى ياراتتى.

   6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى كەچ، چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ زىياپەت زالى رەڭگارەڭ چىراغ نۇرىدا ئۆزگىچە گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، خۇددى دېڭىزغا چىقىشقا تەييارلانغان يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشىغانىدى. فۇشەن قولتۇقىدىكى دولقۇندىن مۇداپىئەلىنىش توسىقى دېڭىزنىڭ ئىچكىرىسىگىچە سوزۇلغان بولۇپ، يىراقتىكى ئاق رەڭلىك ماياك كېمىلەرگە يول باشلاۋاتاتتى.

   زىياپەت زالى چىراغ نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار جىمجىت ئولتۇرۇپ شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تىڭشىماقتا ئىدى.

   ‹‹چىڭداۋ دۇنياغا داڭلىق <يەلكەنلىك كېمە ماكانى>، نۇرغۇن كېمە بۇ يەردىن يەلكەن تارتىپ يولغا چىقىپ، ئارزۇلىرىنى قاناتلاندۇرغان. ئەتە بىز بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، تەشكىلاتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى ۋە تەسەۋۋۇرىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلايمىز››. رەئىس شى جىنپىڭ چىڭداۋنى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزىدىغان جاي قىلىپ تاللاشنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى شەرھلىدى.

   مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش

   ھەيۋەتلىك تەيشەن تېغىنىڭ كەينىدىن قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، تاڭ شەپىقى تاغ – دەريالارنى يورۇتتى. خەلقئارا يىغىن مەركىزىدىكى مېھمان كۈتۈش زالىنىڭ ئۇدۇلىدا، ‹‹دۆلەت ئاسايىشلىق بولسا، خەلق بەخت – سائادەتلىك بولىدۇ›› دېگەن ھەيۋەتلىك جۇڭگوچە رەسىم بار ئىدى.

   6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن ئاشقاندا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئارقا – ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.

   رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىكنى كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ  يېڭى ئوپچە سۈرەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تارىخىي دەقىقىگە گۇۋاھچى بولدى.

   17 يىللىق قالتىس تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق، بىراق يول تەكشى ئەمەس.

   ‹‹<شاڭخەي روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش››؛ ‹‹خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش››؛ ‹‹ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش››؛ ‹‹ئاكتىپ تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىش››... خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ خۇاڭخې زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ كىچىك دائىرىلىك سۆھبەتتە سۆز قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىق يول كۆرسەتتى.

   دۇڭشەن تېغىدا شەندۇڭغا نەزەر تاشلانسا، تەيشەن تېغىدا جاھانغا نەزەر تاشلاندى.

   6– ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن ئاشقاندا، خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ تەيشەن زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭ دائىرىلىك سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى، دائىمىي ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەم ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىللە ئولتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى.

    ــــ ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات قارىشىنى تەشەببۇس قىلدى؛

    ـــ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى؛

    ــــ ئوچۇق، راۋان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق قارىشىدا چىڭ تۇردى؛

    ـــ باراۋەر، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزدى؛

    ــــ ئورتاق كېڭىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇردى.

   رەئىس شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   چىڭداۋدا جۇڭگو – شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى ئۈلگە رايونى قۇرۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بانكا بىرلەشمىسى گەۋدىسى رامكىسىدا 30 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى مەخسۇس قەرز تەسىس قىلىش، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئەزا دۆلەتلەرنى 3000 ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە ئېچىش – تەربىيەلەش نورمىسى بىلەن تەمىنلەش، ‹‹بوران – چاپقۇن  2›› ناملىق ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىدىن پايدىلىنىپ تەرەپلەرنى ھاۋارايى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى قوللىدى...

  ھەربىر ئەمەلىي تەدبىردە جۇڭگونىڭ ئورتاق يۇرت – ماكان قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش سەمىمىيىتى نامايان قىلىندى.

   6– ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

   بۇ چاغدا خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى چوڭ زال جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

   رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىللە زالغا كىرىپ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.  

   ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ چىڭداۋ خىتابنامىسى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى››نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى، ‹‹<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى>نىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق يولغا قويۇش تېزىسى››نى تەستىقلىدى، ئىقتىساد – سودا، تاموژنا، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھچى بولدى... ھەربىر ھۆججەتتە ئەڭ يېڭى ئورتاق تونۇش گەۋدىلەندى.

   كىشىلەر: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىردى، دەپ باھا بەردى.

   ‹‹شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ››. رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئالدىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ مەردانە، جاراڭلىق سۆزلىرى تېلېۋىزىيە سىگنالى ئارقىلىق دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىغىچە تارقالدى.

   داغدام يولدا چوڭ دۆلەتنىڭ جاھان خەلققە مەنسۇپ، دەيدىغان ئىدىيەسىنى نامايان قىلىش

   6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چىڭداۋنىڭ كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى، ساليوتلار ئېتىلىپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

   ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر بىر چىراغ، ساليوت نومۇرىدا ساھىبخاننىڭ سەمىمىي كۆڭلى ئەكس ئېتەتتى. ‹‹يىراقتىكى سۈزۈك ئاي››، ‹‹شەندۇڭ مۇڭلۇق خەلق قوشىقى››، ‹‹ئاسايىشلىق دۆلەت، بەخت – سائادەتلىك خەلق››، ‹‹كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش››، ‹‹تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى›› قاتارلىق بەش بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان نومۇرلار جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش قەتئىي ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

   ‹‹سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك››.

   ماقۇللانغان ھۆججەتتە ‹‹بەشنى راۋانلاشتۇرۇش››، ‹‹يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىش››، ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش›› قاتارلىق جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسى رەسمىي ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.

   باش يازدىكى چىڭداۋ جۇڭگودىكى يەنە بىر ‹‹خەلقئارا مېھمان كۈتۈش زالى››غا ئايلىنىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە گۇۋاھچى بولدى.

   يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشتا جۇڭگونىڭ قەدىمى مەزمۇت، سالماق بولدى ــــ

   بېيجىڭ، تيەنجىن، چىڭداۋ... بىر كۈندە ئۈچ جاينى كېزىش ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىكى ئالدىراش دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپىنى ‹‹دەرسلىك››نىڭ بىر بېتى، دېيىشكە بولىدۇ.

   زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن چوڭ، كىچىك دائىرىدە سۆھبەتلىشىش، ئىمزالاش مۇراسىمى ھەم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشقا بىللە قاتنىشىش، زۇڭتۇڭ پۇتىنغا ‹‹دوستلۇق ئوردېنى›› بېرىش، تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تيەنجىنگە بېرىش ھەم جۇڭگو – رۇسىيە ياشلار، ئۆسمۈرلەر مۇز توپ مۇسابىقىسىنى بىللە كۆرۈش... جۇڭگو، رۇسىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پىشقان، مۇقىم، مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

   شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى؛ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى؛ ئىككى ئاي ئىچىدە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى...

   باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ 11 رەھبىرى ئۈچۈن ئالايىتەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، باشلىقلار دىپلوماتىيەسى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

   ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا، جۇڭگو رەھبىرىنىڭ جاھان خەلققە مەنسۇپ، دەيدىغان ئىدىيەسى دۇنيانى تەسىرلەندۈردى ــــ

   ‹‹بىز <شاڭخەي روھى>نىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنياغا ئاتلىنايلى››. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە، جاراڭلىق بولۇپ، كەلگۈسىگە دەۋەت قىلاتتى.

   بەش يىلنىڭ ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو ئەمەلىيىتى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى، جۇڭگو ئىدىيەسى پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالدى ــــــ

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈشتىن جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈشكىچە، ھەر بىر تارىخىي پەللىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ‹‹ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش››تەك تەنتەنىلىك ۋەدىسى نەقىشلەندى؛ ب د ت نىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلۈشتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلۈشكىچە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، يېڭى دەۋردە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدىغان مۇھىم كۆرسەتمىگە ئايلاندى.

   جامائەت پىكرى: ھازىرقى دۇنيادا پەقەت جۇڭگو رەھبەرلىرىلا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ، دەپ تەھلىل قىلىشتى.

   خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ مېھمان كۈتۈش زالىغا كىرسىڭىز، ئىككى تامدىكى قاپارتما نەقىشنىڭ ئالاھىدە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز: بىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا، يەنە بىرى 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

   قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرىدىن ئورتاق بەھرە ئېلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى بىرلىكتە يارىتىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدا ئالدىن سىناق قىلىنىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، مۇشۇ رايوندىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

   باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى يەنە بىر قېتىم كەڭ دائىرىدە ئالقىشلاندى ۋە قوللاشقا ئېرىشتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

   كىچىك ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىزغا ئايلىنىدۇ، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار سامان يولىنى يورۇتىدۇ.

   ‹‹بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز››.

   دېڭىزغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاندى، بىرلىشىش مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى. جۇڭگو چىڭداۋدىن يەنە ئاتلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن سەپەرداش بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قەدەم تاشلايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.