تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2018–يىلى 6–ئاينىڭ 9–كۈنىدىن 10–كۈنىگىچە، چىڭداۋ)

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە جۇڭگو چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلدى.

   ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخمان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مېرزىيويېۋ يىغىنغا قاتناشتى.

   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموۋ، رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سېسويېۋ يىغىنغا قاتناشتى.

   ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى غەنى، بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لوكاشېنكو، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى روھانىي، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى باتتۇلگا، ب د ت نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامىنە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لېبېجېۋ، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك ئەھدىنامىسى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى خاچاتوروۋ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى لىن يۈخۇي، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى گۇڭ جيەنۋېي، ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سارگسيان، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۋاكۋا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى چاڭتاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

   ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى 2017 – يىللىق ئاستانا باشلىقلار يىغىنى قارارىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى، خەلقئارا سىياسىي ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدا زىددىيەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك مەيدانى چىڭداۋ خىتابنامىسىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى.

   ئەزا دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپقا قەتئىي بويسۇنۇپ، ‹‹شاڭخەي روھى››غا ئەمەل قىلىپ، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2025 – يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى››دە بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تەدرىجىي ئورۇندايدۇ. ئەزا دۆلەتلەر: ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەزا بولۇپ قوشۇلغاندىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، تەڭداشسىز، زور تەسىر كۈچكە ۋە نوپۇزغا ئىگە رايون تەشكىلاتىغا ئايلاندى، دەپ تەكىتلىدى.

   ھەرقايسى تەرەپلەر سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى. چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا ‹‹<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى>نى يولغا قويۇش تېزىسى(2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)›› تەستىقلاندى.

   ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى نۆۋەتتىكى زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا داۋاملىق ئورتاق كۈچەش، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئورتاق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشنى تەكىتلىدى.

   ئەزا دۆلەتلەر ئافغانىستان، سۇرىيە، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى، باشقا رايون توقۇنۇشلىرىنى ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇن مىزانى ۋە پىرىنسىپ رامكىسى ئىچىدە مۇرەسسە قىلىشنى بىردەك قوللىدى. ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.

   ئەزا دۆلەتلەر ب د ت نىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ب د ت نىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئەھدىنامىسىنى كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش شەكلى ئارقىلىق ماقۇللاش لازىملىقىنى كۆرسەتتى، قازاقىستاننىڭ ب د ت رامكىسى ئىچىدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تېررورلۇقتىن مۇستەسنا دۇنيا قۇرۇش ھەرىكەت مىزانى تۈزۈش تەشەببۇسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.  

   ئەزا دۆلەتلەر قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرەسمىي دائىمىي ئەزا دۆلىتىلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش ئارزۇسى بارلىقىغا دىققەت قىلدى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك خىرىسى ۋە تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ماسلاشتۇرۇش رولىنى داۋاملىق ساقلايدۇ. باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش 2019 – يىلىدىن 2021 – يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق تېزىسى›› ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتلىرى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

   ئەزا دۆلەتلەر 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 4 – كۈنىگىچە دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا يىغىنىنىڭ نەتىجىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، يىغىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

   ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى ياشلارغا غايە – ئېتىقاد تەربىيەسى بېرىش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قوللىدى. باشلىقلار يىغىنى بۇ ھەقتە ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ياشلارغا يازغان ئورتاق بېغىشلىمىسى›› ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تېزىسىنى ماقۇللىدى. ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان ب د ت يىغىنىدا ‹‹مائارىپ بىلەن دىننىڭ سىغىشىشى›› توغرىسىدىكى ئالاھىدە قارارنى ماقۇللاش تەشەببۇسىنى قوللىدى.

   ئەزا دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ زەھەر چەكلەش ئىستراتېگىيەسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش ھەرىكەت پىلانى، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسەۋۋۇرى قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، قانۇنسىز زەھەر توشۇشقا زەربە بېرىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ساھەسىدە كەڭ دائىرىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا يەنىمۇ تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر بوشلۇقىغا مەسئۇل دۆلەتلەر ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قائىدىسى، پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

   ئەزا دۆلەتلەر ب د ت نىڭ يەرشارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يادرولۇق رولىنى تەكىتلىدى. دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا سېلىنمىسى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشقا تىرىشىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتچىلىك ۋە مۇلازىمەت سودىسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، قاتناش – تىرانسپورت، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدۇ.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تۆمۈريول تارماقلىرى مەسئۇللىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىنى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنى قوللىدى.

   مۇھىتنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، ئەزا دۆلەتلەر ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقى تەسەۋۋۇرى››نى ماقۇللىدى. ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تېزىسى›› لايىھەسىنى داۋاملىق كېڭەشتى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت يىغىنىدا ماقۇللانغان 2018 – يىلىدىن 2028 – يىلىغىچە بولغان ‹‹سۇ ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش›› ئون يىللىق خەلقئارا ھەرىكەت تەشەببۇسىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەم 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 22 – كۈنىگىچە، دۈشەنبىدە مەزكۇر تېما بويىچە  ب د ت رامكىسى ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈشنى ئالقىشلىدى.

   قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەرەپلەرنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئورتاق يولغا قويۇش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

   ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى رايون، دۆلەت، خەلقئارا تەشكىلات ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشىكلاتى رايونىدا كەڭ دائىرىلىك، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان، باراۋەر ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قوللىدى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى رايونلار ئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر 2018 – يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ چېليابىنسكى شەھىرىدە مۇنبەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

   ئەزا دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوقەتچىلەر كومىتېتى ۋە بانكا بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

   ئەزا دۆلەتلەر پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى قوللايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات بانكىسى ۋە تەرەققىيات فوندى (مەخسۇس ھېسابات) تەسىس قىلىش مەسىلىسىدىكى ئورتاق مەيدانىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىدۇ.

   ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى: ئادىمىيەت ھەمكارلىقى خەلق ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا رول ئويناۋاتىدۇ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، سەھىيە، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

   ئەزا دۆلەتلەر كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەت ھەمراھلىرى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەرتەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

   باشلىقلار يىغىنىدا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدا تارقىلىشچان كېسەلنىڭ تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى باياناتى›› ئېلان قىلىندى. ئالاقىدار تارماقلار ‹‹2019 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقى تەرەققىيات تېزىسى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد – سودا تارماقلىرى ئارا ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاموژنىلىرىنىڭ موسكۋا رايونلۇق ئاخبارات – ئالاقىلىشىش مەركىزىنىڭ دېلو سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قانۇن ئىجراسى سۇپىسى پۈتۈن كۈنلۈك ئالاقە پونكىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرلاردىن ئۆزئارا پايدىلىنىش قائىدىسى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاموژنىلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ توشۇشتا سەرپ بولىدىغان ئوزۇن قەۋىتى ماددىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى›› قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى.

   ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2017 – يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى كېڭىشىنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ 2017 – يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە تەستىقلىدى.

   باشلىقلار كېڭىشى نوروۋ (ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىن)نى شاڭخەي  ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا، جىيوسوۋ(تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدىن)نى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى  2019 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 2021 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە بولىدۇ.

   2017– يىلى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 9 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى (زۇڭلىلىرى) كېڭىشى يىغىنى (2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، سۇچى)، خەۋپسىزلىك يىغىنى كاتىپلىرى يىغىنى (2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن 22 – كۈنىگىچە، بېيجىڭ)، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى بىرەسمىي يىغىنى (2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، نيۇيورك) ۋە رەسمىي يىغىنى (2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، بېيجىڭ)، دۆلەت ماسلاشتۇرغۇچىلىرى كېڭىشى يىغىنى(2017 – يىلى 8 – ئايدىن 2018 – يىلى 6 – ئايغىچە، ياڭجوۋ، موسكۋا، بېيجىڭ)، رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى كېڭىشى يىغىنى (2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، بېيجىڭ؛ 2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، تاشكەنت)، چېگرا مۇداپىئە تارمىقى باشلىقلىرى يىغىنى (2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، داليەن)، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش تارمىقى باشلىقلىرى يىغىنى (2017 – يىلى 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن 25 – كۈنىگىچە، چولپانئاتا)، ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى (2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، تاشكەنت)، ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنى (2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە، تاشكەنت؛ 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، بېيجىڭ)، سەھىيە – كارانتىن تارمىقى باشلىقلىرى يىغىنى (2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، سۇچى)، ئىقتىساد – سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى (2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، موسكۋا)، باش تەپتىشلەر يىغىنى (2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، سانكت  – پېتىربۇرگ)، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىرى يىغىنى (2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 21 – كۈنىگىچە، موسكۋا)، شاڭخەي  ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇنبىرى (2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 5 – كۈنىگىچە، ئاستانا)، ساياھەت مىنىستىرلىرى يىغىنى (2018 – يىلى5 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە، ۋۇخەن)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى (2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، بېيجىڭ)، مەدەنىيەت مىنستىرلىرى يىغىنى (2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، سەنيا)، زەھەر چەكلەش تارمىقى باشلىقلىرى يىغىنى (2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، تيەنجىن)، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاياللار مۇنبىرى (2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە، بېيجىڭ)، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاراتقۇ باشلىقلىرى يىغىنى (2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، بېيجىڭ)، ئوقەتچىلەر كومىتېتى كېڭىشى يىغىنى (2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، بېيجىڭ)، بانكا بىرلەشمىسى كېڭىشى يىغىنى (2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە، بېيجىڭ) ھەم باشقا ھەر خىل دەرىجىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

   ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈستىگە ئالىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنى 2019 – يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.