تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن سۆھبەتلەشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋدا ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

   شى جىنپىڭ روھانىينىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن 2016 – يىلى ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو – ئىران ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ زىچ ھەمكارلىشىپ، مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈندىن – كۈنگە قويۇقلاشتى. جۇڭگو – ئىران مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو – ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئىران ئىككى تەرەپ سىياسىي مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىپ، بىر – بىرىنى قوللىشى كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا يېتەكچىلىك قىلىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – ئىران دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، شۇنداقلا خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغداشقا پايدىلىق، بۇنى داۋاملىق ھەقىقىي ئىجرا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا ماجىرالار ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىران تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

   روھانىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىل بۇرۇنقى ئىراندىكى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە قويۇقلاشتۇردى. ئىران تەرەپ ئىران – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى خالايدۇ. ھازىر، ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى داۋاملىق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئىران جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھچى بولدى.

   دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.