تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

شى جىنپىڭ رەئىس دۆلىتىنىڭ باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن سۆز قىلدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس دۆلىتىنىڭ باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن سۆز قىلدى. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس دۆلىتىنىڭ باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن سۆز قىلدى. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

   شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى: ھەرقايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچ ھەمكارلىشىدىغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش؛ دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى قوغداپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا، كەمسىتمەيدىغان، قائىدىنى ئاساس قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، سەھىيە، ساياھەت، ياشلار، تاراتقۇ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا ھەم رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىش؛ قىرغىزىستاننىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، كېلەر يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى››نىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىيات بۈيۈك پىلانىنى ئورتاق پىلانلاشنى كېڭەشتى. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى)

   مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ چىڭداۋ خىتابنامىسى›› ھەم بىر قاتار قارارلارنى ئىمزالىدى، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ‹‹<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى>نى يولغا قويۇش تېزىسى (2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)››نى تەستىقلىدى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش 2019 – يىلىدىن 2021 – يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق تېزىسى››نى تەستىقلىدى، ‹‹2018 – يىلىدىن 2023 – يىلىغىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زەھەر چەكلەش ئىستراتېگىيەسى›› ھەم ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەستىقلىدى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسەۋۋۇرى››نى تەستىقلىدى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تېزىسى›› لايىھەسىنى تۈزدى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقى تەسەۋۋۇرى››نى تەستىقلىدى، ‹‹<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ياشلارغا يازغان ئورتاق بېغىشلىمىسى>نى يولغا قويۇش تېزىسى››نى تەستىقلىدى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى››نى تەستىقلىدى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ 2017 – يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتى››نى تەستىقلىدى، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بىلەن ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى(2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)››نى ئىمزالىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلارنى تەيىنلىدى، ئىقتىساد – سودا، تاموژنا، ساياھەت، تاشقى ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھچى بولدى.

   دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.