تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  ‹‹شاڭخەي روھى››نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، دائىمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئەسلەپ، مەزكۇر تەشكىلات تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ۋەزىپىسى، ئىستىقبالى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى مەيدانى توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  6– ئايدىكى چىڭداۋ سۈرەت كەبى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ سىرتىدا كۆپكۆك دېڭىز، سۈپسۈزۈك ئاسمان كۆرۈنۈپ تۇراتتى، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىن بايرىقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بايراقلىرى مەيىن شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن ئاشقاندا يىغىن رەسمىي باشلاندى.

  شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە ئالدى بىلەن، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە يېقىندىن ماسلاشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى باشلىقلار يىغىنى ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىننىڭ تۇنجى قېتىم ئەزا دۆلەت رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن ‹‹<شاڭخەي روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى››نى قوللانما قىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىقتەك ئىجابىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدۇق. بۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئېچىپ بېرىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى، كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى باشتىن – ئاخىر ساقلىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئۇ، ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە باشتىن – ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشنى تەشەببۇس قىلدى. ھازىرقى دۇنيادا، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز ‹‹شاڭخەي روھى››نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق بولغان، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، يۈرۈشتۈرۈلگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئورتاق مەسلىھەتلىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى يېشىپ، خەۋپ ۋە خىرىسنى پەسەيتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹شاڭخەي روھى›› بىزنىڭ ئورتاق بايلىقىمىز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىزنىڭ ئورتاق يۇرت – ماكانىمىز. بىز داۋاملىق ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ يېتەكچىلىكىدە، جاپا – مۇشەققەتلەرنى بىرلىكتە يېڭىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىر مەقسەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنياغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىنى ئويلىشىپ، تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، تىنچلىق، خەۋپسىزلىكنىڭ ئورتاق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش. بىز مۇداپىئە ئىشلىرى بىخەتەرلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرگە 2000 قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم تەربىيەلەپ بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنىڭ كۈچلۈك موتورىنى بارلىققا كەلتۈرۈش. بىز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بانكا بىرلەشمە گەۋدىسى رامكىسىدا 30 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ قىممەتلىك مەخسۇس قەرز پۇل تەسىس قىلىدۇ.

  تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق رىشتىنى چىڭىتىش. بىز مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت، سەھىيە، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، تاراتقۇ، مۇھىت ئاسراش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، تەربىيەلەش بويىچە 3000 كىشىلىك سان بىلەن تەمىنلەيدۇ، ‹‹فېڭيۈن 2 – نومۇر››لۇق مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  بەشىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ھەمراھلىق تورىنى ئورتاق كېڭەيتىش. بىز كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھى قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى پەسەيتىش، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىجابىي، ئەمەلىي، دوستانە، ھەمكارلىق روھىنى كۆزلەپ، بۇ قېتىملىق يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قىرغىزىستاننىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى)

  ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموف، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سېسويېۋ، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشېنكو، ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى باتتۇلگا، ب د ت نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامىنە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ۋە رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھىندىستان، پاكىستاننى ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە ئىجابىي باھا بەردى. ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ‹‹شاڭخەي روھى››نى داۋاملىق قوللانما قىلىپ، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى خەلقئارالىق قانۇن – پىرىنسىپلار رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىپ، كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىش ۋە قوللاشقا ئېرىشتى.

  يىغىندا ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئاخباراتى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ سودىنى قولايلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ياشلارغا يازغان ئورتاق بېغىشلىمىسى››، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىدا تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى باياناتى›› ئېلان قىلىندى.

  يىغىندىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن مەرھابا زالىدا كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.