تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشى جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان جاۋاب خېتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ باشلىقلىرى يىغىنىغا يازغان تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، پارتىيەمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە دائىر چىقارغان بىر قاتار فاڭجېن – سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندە ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى باش تۇتقا. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ 1 – قول رەھبىرى بىۋاسىتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بازار ھەمكارلىشىپ كۈچەپ، ھەم دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مەۋقە قىلىپ، مەركەزنىڭ يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى ۋە مەخسۇس پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاققىچە تىرىشىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەخسەن ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئاتلىنىپ، ئۆزى نازارەت قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتكە نەمۇنە ۋە ئۈلگە بولدى. بىز قەتئىي ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. نەتىجىنى كۆرگەندە ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە يارىتىلدى، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. نىشاننى كۆزلەپ، پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش؛ ھەم پەللىدىن بالدۇر چىقىپ كەتمەي، ھەم قەستەن كېچىكتۈرمەي، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش››نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتتىق جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ 1 – قول رەھبىرى بىۋاسىتە تۇتۇپ باش مەسئۇل بولۇشى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھالاشنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. نازارەت قىلىپ مەخسۇس تۈزەشنى، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، تۈرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىش، ساختا مەلۇمات يوللاش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش، تارتىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن – ئىنتىزام بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە دۇنياۋى پەن – تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى قىلىندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھەممە بىر مەقسەتتە دۇنياۋى پەن – تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغ نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ ھەم ياخشى تۇتۇپ، دۇنياۋى پەن – تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى 1 – ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قالتىس نەتىجە يارىتىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا رىقابىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتتا پائال ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ‹‹قوش قوزغىتىش››تا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن – تېخنىكىنى باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، پەن – تېخنىكىنى باھالاش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، بارلىق يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىنى تولۇق ئېچىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەر بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەنشى جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن يېتىلدۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان، بىلىملىك، پەزىلەتلىك، ياراملىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ باشلىقلىرى يىغىنىغا يازغان تەبرىك خېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك، بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا چېتىلىدىغان تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.