تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ

بۇ چىڭداۋ شەھىرى لاۋشەن رايونى دۇڭخەي يولىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ (6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئادەمسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)سۈرىتى .  لى زىخېڭ فوتوسى
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار ئاخبارات مەركىزى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تىزىملاتقان تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خوۋ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 3.5 كىۋدرات مېتىر. ئاخبارات مەركىزى ئاساسلىق ساراي بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاراتقۇلار خىزمەت ئورنىنىڭ ئىشلىتىلىش كۆلىمى 10500 كىۋدرات مېتىر بولۇپ، تىزىملاتقان 300 مۇخبىرنى مۇكەممەل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ؛ مەيدان-ساراي كاپالەت دائىرىسىنىڭ ئىشلىتىلىش كۆلىمى 4600 كىۋدرات مېتىر بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كاپالەت كوللېكتىپى نۆۋەت بىلەن دىجورنى تۇرالايدۇ.

ئاخبارات مەركىزى مەسلىھەت سۇپىسى تاراتقۇلارغا كۆپ تىللىق مەسلىھەت بېرىپ چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. (6-ئاينىڭ 3-كۈنى لى زىخېڭ فوتوسى)
    ئايلىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاخبارات مەركىزى ئىسپات ئېلىش مەركىزى، مەسلىھەت سۇپىسى، ئاممىۋى خىزمەت رايونى، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، يىغىن زىيارىتى، خەۋەرلىشىش كاپالىتى قاتارلىق 29 خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تەسىس قىلغان، فۇنكىسىسيەسى جەھەتتە تاراتقۇلارنى كۈتۈۋېلىش، زىيارەت قىلىش، خەۋەرلىشىش، قاتناش، داۋالاش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىن كاپالەتلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-،7-كۈنى سائەت 8 دىن 20 گىچە، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 8 دىن 22 گىچە، 6-ئاينىڭ 9-،10-كۈنى سائەت 5 دىن 24 گىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 8 دىن 18 گىچە بولىدىكەن.

 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ بىر تەرىپى . (6-ئاينىڭ 3-كۈنى لى زىخېڭ فوتوسى)

    خوۋ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئاخبارات مەركىزى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەممىلا يېرىدە تېجەشلىك بولۇش، مۇھىت ئاسراش، يېڭىلىق يارىتىش، پەن-تېخنىكا، ئۆزگىچە ئىدىيە گەۋدىلەنگەن. ئاخبارات مەركىزى بىناسى يېڭىدىن قۇرۇلغىنى يوق، بەلكى خەيئېر يەرشارى يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئەندىزە تەتقىقات مەركىزى ئاخبارات مەركىزى بولۇپ تاللانغان.
    ئىگىلىنىشىچە، ئاخبارات مەركىزىدىكى بارلىق ئايرىلغان بۆلەكلەر ساراينىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن زاكاز قىلىنىدىكەن، نەق مەيداندا تېزدىن قۇراشتۇرۇلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق چاڭ توزان، زەھەرلىك زىيانلىق گاز ھەمدە تاشلاندۇق نەرسىلەرنى پەيدا بولمايدىكەن.
    پەن-تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، ئاخبارات مەركىزى خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى 100 مېگا ئۈستەل يۈزى، مىڭ مېگا مۇجەسسەملەش، مىڭ مېگا ئالاقە تورى لايىھەسى بويىچە، چوڭ رەقەم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، سىملىق، سىمسىز تور بىخەتەرلىكى، مۇقىم، يۇقىرى سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۈسكۈنىلىرى، زاپاس سىگنال مەنبەسى قوللىنىلىپ، كاشىلا كۆرۈلگەندە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە زاپاس ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.