تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى 6 -ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يىراقتىن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت ئاخبارات ساھەسىدىكى دوستلارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن!

    ھازىرقى دۇنيادا، ئىجتىمائىي ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، تاراتقۇلار ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلب رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بىر يىل ئىلگىرى، مەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەشكىللەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

    تاراتقۇلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىرىشىپ ‹‹شاڭخەي روھى››نى ئەۋج ئالدۇرغۇچى، ئەمەلىي ھەمكارلىققا يول ئاچقۇچى، خەلق ئارىسىدا دوستلۇقنى تارقاتقۇچى بولۇشى كېرەك. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ قويۇق رايون تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!


     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
                                   2018-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.