تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ‹‹مىخ قېقىش›› روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا(كۆل)باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ‹‹مىخ قېقىش›› روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ باش دەريا (كۆل) باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ‹‹مىخ قېقىش›› روھى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى دەريا – كۆللەرنى ھەقىقىي ياخشى تىزگىنلەپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنىڭ دائىم يېشىل، دەريا – كۆللىرىنىڭ داۋاملىق سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

   چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىغا قويۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۇ تىزگىنلەش تۈزۈلمىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈزۈمىدىكى زور ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتۇر. دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دەريا – كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا دائىر تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىكى ئاساسىي ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، ‹‹بىر فاڭجېن››نى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش››تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سۇچىلىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ‹‹ئۈچ نىشان››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي سىستېمىلارنى كەم – كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسى، خىزمەت تۈزۈمى سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش – قوغداش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ باشقۇرۇش – قوغداش بىلەن تولۇق قاپلاپ، باشقۇرۇش – قوغداش بىلەن رايوندىن ۋادىغىچە، چوڭ دەريادىن كىچىك ئېقىنغىچە، چوڭ كۆلدىن كىچىك كۆلگىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ نىشان – ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا – كۆل مەنبەسىنى قوغداش رايونىدا پاسكىنا سۇ قويۇپ بەرمەسلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دەريا – كۆللەرنىڭ ئاساسىي ئېكولوگىيەلىك ئېقىنى، ئاساسىي ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش ۋە سۇ تارتىلىش مەزگىلىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئاساسىي ئېقىنىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دەريا – كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، دەريا – كۆللەرنىڭ فۇنكسىيەسىدىن مەڭگۈلۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۈزۈم كاپالىتى ئورنىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ‹‹ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە››نى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ‹‹ئۈچ قىزىل سىزىق››نى قاتتىق ساقلاپ، سۇ بايلىقىنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلىتىش؛ بوشلۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساغلام تەبىئىي قىرغاق لىنىيەسى بەرپا قىلىش؛ سۇ، قۇرۇقلۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سۇ بۇلغىنىشنى مەنبەدىن تۈزەش؛ تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش؛ سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش؛ قانۇن بويىچە سۇ تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دەريا – كۆللەرنىڭ ساغلام ھاياتىي كۈچىنى قوغداپ، دەريا – كۆللەرنى ئۇزاققىچە تۈزەش، ئۇزاققىچە سۈزۈك ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەگە، تارىخقا، خەلققە، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ماس ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىگە ئەزا ئورۇنلار ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئۆزئارا ماسلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە، ماس ئىلگىرى سۈرۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، تارماقلار ماسلىشىپ، رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىككى قولدا كۈچەپ، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، بازاردا مەشغۇلات قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان ئەندىزىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى، خىزمەت تىزىملىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش – قوغداش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈپ، خىراجەت كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، دەريا – كۆللەرنى باشقۇرۇش – قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باھالاش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى، جەمئىيەت نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نەتىجە – ئۈنۈمنى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، دەريا (كۆل) باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دەريا – كۆللەرگە پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنى قەدىرلەيدىغان، قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ شىنجاڭدا ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار دۆلەتنىڭ دەريا (كۆل)لارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىكتە قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەريا – ئېقىنغا ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشى؛ يەرلىك بىلەن بىڭتۈەننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى، خىزمەت تۈزۈمى سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش – قوغداش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، بىرلەشمە يىغىن، چارلاش – تەكشۈرۈش، بىرلىكتە قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش، ئۇچۇر ئەۋەتىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يادرو قىلغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈشى؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى خىزمەت ئۈنۈمىنى ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ باھالاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ۋە ئىشخانا ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك توققۇز دەريانىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.