تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

  (2018– يىلى 5– ئاينىڭ 4 –كۈنى )

  شى جىنپىڭ

  يولداشلار:

  بىز بۈگۈن چەكسىز ھۆرمەت ھېسسىياتىمىز بىلەن بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ماركسنىڭ ئۇلۇغ پەزىلىتى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ياد ئېتىپ، ماركسنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە شانلىق ئىدىيەسىنى قايتا ئەسكە ئېلىۋاتىمىز.

  ماركس پۈتۈن دۇنيا پىرولېتارىياتلىرى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ئۇستازى، ماركسىزمنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋە خەلقئارا ئىنتېرناتسىيونالىزمنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر. ئىككى ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، كىشىلەر جەمئىيىتىدە غايەت زور ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولدى، لېكىن ماركسنىڭ نامى يەنىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە، ماركسنىڭ تەلىماتىدىن ھېلىھەم كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرماقتا.

  ماركس 1818 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى گېرمانىيەنىڭ ترىئېر شەھىرىدىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا كىشىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىرادە باغلىغان. ماركس ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا پەلسەپە، تارىخ، قانۇن قاتارلىق پەنلەرنى بېرىلىپ ئۆگىنىپ، كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات سىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ماركس ‹‹رېين گېزىتى››دە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە پىرۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كەسكىن تەنقىد قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىغان. ماركس 1843 – يىلى پارىژغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئىشچىلار ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى بىلەن نەزەرىيەۋى ئىزدىنىشنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئىدېئالىزمدىن ماتېرىيالىزمغا، ئىنقىلابىي دېموكراتىزمدىن كوممۇنىزمغا ئۆتۈشنى تاماملىغان. 1845 – يىلى، ماركس بىلەن ئېنگېلس ھەمكارلىشىپ ‹‹گېرمانىيە ئىدېئولوگىيەسى››نى يېزىپ چىقىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى تۇنجى قېتىم بىر قەدەر سىستېمىلىق شەرھلىگەن. 1848 – يىلى، ماركس بىلەن ئېنگېلس ھەمكارلىشىپ ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››نى يېزىپ چىققان، بۇ ئەسەر دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. ئېنگېلس: ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› سوتسىيالىزمغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسەرلەر ئارىسىدا تارقىلىشى ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ خەلقئارالىق ئەسەر بولۇپ، سىبىرىيەدىن كالىفورنىيەگىچە مىليونلىغان ئىشچىلار ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ئورتاق پىروگراممىغا ئايلاندى، دېگەنىدى.

  1848 – يىلى ياۋروپانى قاپلىغان بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى پارتلىغاندا، ماركس بۇ ئىنقىلابىي كۈرەشكە پائال ئاتلانغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ماركس ئىنقىلابتىكى ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كاپىتالىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەرمەكچى بولغان. 1867 – يىلى دۇنياغا كەلگەن ‹‹كاپىتال›› ماركسنىڭ ئەڭ نادىر، ئەڭ مول مەزمۇنلۇق ئەسىرى بولۇپ، ‹‹ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىنجىلى›› دەپ تەرىپلەنگەن. ماركس ئاخىرقى ئۆمرىدىمۇ يەنىلا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېڭى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىدىن كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى ئۈستىدە تىرىشىپ پىكىر يۈرگۈزگەن.

  ــــ ماركسنىڭ ھاياتى يۈكسەك غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن، كىشىلەرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات. 17 ياشلىق ماركس 1835 – يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ماقالىسى ‹‹ياشلارنىڭ كەسىپ تاللىشى ھەققىدە ئويلىنىش››تا مۇنداق يازغان: ‹‹ئەگەر بىز كىشىلەرگە ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلغىلى بولىدىغان كەسىپنى تاللىساق، ئۇنداقتا، ئېغىر يۈكمۇ بىزنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ، كۆپچىلىك ئۈچۈن قۇربان بېرىشتۇر؛ شۇ چاغدا بىزنىڭ بەھرىمەن بولىدىغىنىمىز ھەرگىزمۇ بىچارىلىككە، چەكلىمىلىككە، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ھۇزۇر بولمايدۇ، بىزنىڭ بەختىمىز مىليونلىغان كىشىلەرگە مەنسۇپ، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئۈن – تىنسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ، لېكىن ئۇ رولىنى مەڭگۈ جارى قىلدۇرىدۇ، ئالىيجاناب كىشىلەر بىزنىڭ جەسەت كۈلىمىز ئالدىدا كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالىدۇ››. ماركس ھاياتىدا سەرسان – سەرگەردانلىقتا ئۆتۈپ، يوقسۇللۇق ۋە كېسەلنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئىرادىسىدىن يانماي، كىشىلەرنىڭ ئازادلىقىدىن ئىبارەت يۈكسەك غايە ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ كىشىلىك ھاياتىنى ياراتقان.

  ــــ ماركسنىڭ ھاياتى جاپا – مۇشەققەتتىن، ئوڭۇشسىزلىقتىن قورقمىغان، ھەقىقەت ئىزدەش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئىدىيەنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققان ھايات. ماركس مۇنداق دەپ يازغان: ‹‹ئىلىم – پەندە داغدام يول يوق، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان كىشىلەردىلا شانلىق پەللىگە يېتىدىغان ئۈمىد تۇغۇلىدۇ››. ماركس ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە جاپا چېكىپ، ئاخىرىدا شانلىق پەللىگە يەتكەن. ئۇ نۇرغۇن كىتاب ئوقۇپ، كەڭ دائىرىدە بىلىم توپلىغان، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر تۈرلۈك ئىلمىي بىلىملەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، تۈرلۈك تەبىئىي پەن بىلىملىرىنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەپ ۋە تەتقىق قىلىپ، كىشىلەر ياراتقان بارلىق مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن تىرىشىپ ئوزۇق ئالغان. ماركس ئۆمۈر بويى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت قىلىپ، دائىم دېگۈدەك كۈندە 16 سائەت خىزمەت قىلغان. ماركس دوستىغا يازغان خېتىدە: ‹‹<كاپىتال>نى يېزىش ئۈچۈن قەبرە ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈۋاتىمەن. شۇڭا، خىزمەت قىلالىغۇدەك ھەرقانداق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئەسىرىمنى تاماملاشقا تىرىشىۋاتىمەن›› دېگەن. ماركس ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كېسەلچان بولۇپ قالغان مەزگىلدىمۇ يەنىلا يېڭى ئىلمىي ساھە ۋە نىشانغا ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىپ، تارىخشۇناسلىق، ئادەمشۇناسلىق، ماتېماتىكا قاتارلىقلارغا ئائىت نۇرغۇن ئىلمىي خاتىرىلەرنى يازغان. خۇددى ئېنگېلس ئېيتقاندەك: ‹‹ماركس ئۆزى تەتقىق قىلغان ھەر بىر ساھەدە، بولۇپمۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۆزگىچە بايقاشقا ئېرىشكەن، بۇنداق ساھەلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر ساھەنى يۈزەكى تەتقىق قىلغان ئەمەس››.

  ــــ ماركسنىڭ ھاياتى كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن توختىماي جەڭ قىلغان ھايات. ئېنگېلس: ‹‹ماركس ئالدى بىلەن ئىنقىلابچى››، ‹‹كۈرەش ئۇنىڭ جېنى. ئۇنىڭدەك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك كۈرەش قىلغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز›› دېگەن. ماركس خەلقنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆمۈرلۈك بۇرچى قىلغان. ماركس خەلقنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا ئۇچراشتەك تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، داغدۇغىلىق ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، باشتىن – ئاخىر ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە دۇنيادىكى تۇنجى پىرولېتارىيات پارتىيەسى ــــ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغان، ئۇ، دۇنيادىكى تۇنجى خەلقئارا ئىشچىلار تەشكىلاتى ــــ خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، دۇنيادىكى ئىشچىلار سىنىپى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان تۇنجى ئىنقىلاب ــــ پارىژ كوممۇناسى ئىنقىلابىنى قىزغىن قوللىغان، ئۇنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى، ئېگىلمەس – سۇنماس كۈرەش ئىرادىسى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.

  ماركس قالتىس ئۇلۇغ ئەرباب، شۇنداقلا قان بىلەن گۆشتىن تۆرەلگەن ئادەتتىكى ئادەم. ئۇ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، سەمىمىي، ئاددىي – ساددا، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق. ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ 40 يىللىق ئىنقىلابىي دوستلۇقى بار. خۇددى لېنىن ئېيتقاندەك: ‹‹قەدىمىي رىۋايەتلەردە كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدىغان تۈرلۈك دوستلۇق ھېكايىلىرى بار››، لېكىن ماركس بىلەن ئېنگېلسنىڭ دوستلۇقى ‹‹قەدىمكىلەرنىڭ كىشىلەر دوستلۇقى توغرىسىدىكى بارلىق ئەڭ تەسىرلىك رىۋايەتلەردىنمۇ ھالقىپ كەتكەن››. ماركس ئىنقىلاب ئىشلىرىغا خالىس ياردەم بەرگەن، ئۆزى تۇرمۇشتا ئىنتايىن قىينالغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ئىنقىلابىي سەپداشلىرىغا ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ياردەم بەرگەن. ماركس خوتۇنى ياننى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، غايە ۋە مۇھەببەتنىڭ تەقدىر سىمفونىيەسىنى يازغان.

  يولداشلار!

  ماركسنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مەنىۋى بايلىقى دەل ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىلمىي نەزەرىيە ــــ ماركسىزم. بۇ نەزەرىيە خۇددى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ تارىخىي قانۇنىيەت ۋە ئۆز ھۆرلۈكى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىنى يورۇتۇپ بەردى.

  ماركسنىڭ مۇنداق بىر جۈملە مەشھۇر سۆزى بار: ‹‹تەنقىدتىن ئىبارەت بۇ قورالنى دەرۋەقە قورال ئارقىلىق تەنقىدلەشنىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولمايدۇ، ماددىي كۈچنى پەقەت ماددىي كۈچ ئارقىلىقلا گۇمران قىلغىلى بولىدۇ؛ لېكىن نەزەرىيە خەلق تەرىپىدىن ئىگىلەنسە، ئوخشاشلا ماددىي كۈچكە ئايلىنىدۇ››. ماركسىزم ئاساسلىقى پەلسەپە، سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىلمىي سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەركىبىي قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئۈچ چوڭ تەركىبىي قىسىم ئايرىم – ئايرىم ھالدا گېرمانىيە كىلاسسىك پەلسەپەسى، ئەنگلىيە كىلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقى، فىرانسىيە خىيالىي سوتسىيالىزمىدىن كەلگەن، بىراق ئۇنىڭ ئاخىرىدا ماركسىزمغا ئايلىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب ماركسنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان دەۋرنى ۋە دۇنيانى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىكىدىن، ماركسنىڭ كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىدىن بولغان. ماركس مۇنداق دېگەن: ‹‹كوممۇنىستلارنىڭ نەزەرىيە قائىدىسى ھەرگىزمۇ بۇ دۇنيا ياكى ئۇ دۇنيا ئىسلاھاتچىلىرى ئىجاد قىلغان، بايقىغان ئىدىيە، پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان ئەمەس››. ‹‹بۇ قائىدىلەر ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سىنىپىي كۈرەش، كۆز ئالدىمىزدىكى تارىخىي ھەرىكەتنىڭ چىنلىق مۇناسىۋىتىنى ئادەتتىكىچە بايان قىلىپ بەرگەن، خالاس››.

  پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى مۇساپىسىدىلا تارىخىي ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتى ۋە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى نامايان بولىدۇ. ماركسنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى خۇددى لېنىن ئېيتقاندەك: ‹‹ئۇ كىشىلەر جەمئىيىتى ئىجاد قىلغانلىكى بارلىق نەرسىلەرنى تەنقىدىي يوسۇندا قايتىدىن چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلغان، ھەر قانداق بىر نۇقتىنىمۇ سەل قاراپ ئۆتكۈزۈۋەتمىگەن. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىشچىلار ھەرىكىتى جەريانىغا قويۇپ تەكشۈرگەن، قايتىدىن چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلغان، چوڭقۇرلاپ تەنقىد قىلغان، بۇنىڭ بىلەن بۇرژۇئازىيە چەكلىمىلىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ياكى بۇرژۇئازىيەنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان كىشىلەر چىقىرالمايدىغان يەكۈننى چىقارغان››. ماركسنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيەسى ئەينى دەۋرنى مەنبە قىلغان ھەم ئەينى دەۋردىن ھالقىپ كەتكەن، ئۇ ھەم ئەينى دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى، ھەم پۈتكۈل كىشىلەر روھىنىڭ جەۋھىرى.

  ــــ ماركسىزم ئىلمىي نەزەرىيە، ئۇ كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىجادىي يوسۇندا ئېچىپ بەرگەن. ماركس ئىلمىي سوتسىيالىزمنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرىلا خىيالىي سوتسىيالىزمچىلار ئاللىقاچان مەۋجۇت ئىدى، ئۇلار خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش ھېسسىياتى بىلەن، غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدا كۆپلىگەن گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى قىلغان، ئەمما جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرەلمىگەنلىكتىن، غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تاپالمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ھەقىقىي رول ئوينىشى تەسكە توختىغان. ماركس ماتېرىيالىزملىق تارىخىي قاراش ۋە قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىنى ئىجاد قىلىپ، كىشىلەر جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتىنى، كاپىتالىزم ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، كىشىلەرگە مۇقەررەرلىك ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە ھالقىش يولىنى، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

  ــــ ماركسىزم خەلقنىڭ نەزەرىيەسى، ئۇ، خەلقنىڭ ئۆز ھۆرلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئىدىيەۋى سىستېمىسىنى تۇنجى قېتىم بەرپا قىلدى. ماركسىزمنىڭ مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەيدۇ، دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ماركستىن ئىلگىرى، جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمران سىنىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ماركسىزم تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ھۆرلۈكى، ئازادلىقى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا زۇلۇم، ئېكسپلاتاتسىيە بولمىغان، ھەممە ئادەم باراۋەر، ھەممە ئادەم ھۆر بولغان جەمئىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەن. ماركسىزمنىڭ دۆلەت، دەۋر ھالقىغان تەسىر كۈچكە ئىگە بولالىشى ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتەك كىشىلىك توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدە.

  ــــ ماركسىزم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن نەزەرىيە، ئۇ، خەلقنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ماركس مۇنداق دېگەن: ‹‹بارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن››. ‹‹پەيلاسوپلار ئوخشاش بولمىغان شەكىل ئارقىلىق دۇنيانى چۈشەندۈرىدۇ، مەسىلە ــــ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتە››. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن كۆز قاراش، تۇرمۇشتىن ھاسىل بولغان كۆز قاراش ماركسىزملىق بىلىش نەزەرىيەسىنىڭ تۈپ كۆزقارىشى، ئەمەلىيەتچانلىق ماركسىزملىق نەزەرىيەنىڭ باشقا نەزەرىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى. ماركسىزم كىتابىي تەلىمات بولماستىن، بەلكى خەلقنىڭ تارىخىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان، خەلقنىڭ ھۆرلۈككە ئىنتىلىش ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن، شۇنداقلا خەلقنىڭ ھۆرلۈككە ئىنتىلىش ئەمەلىيىتىدە بېيىغان ۋە راۋاجلانغان، ئۇ، خەلقنىڭ دۇنيانى تونۇشى، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىنى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن.

  ــــ ماركسىزم ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىدىغان ئوچۇق نەزەرىيە، ئۇ باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ماركس كۆپ قېتىم كىشىلەرنى ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ دىنىي ئەقىدە بولماستىن، بەلكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ چوقۇم ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ راۋاجلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ماركسىزملىق تەرەققىيات تارىخى ماركس، ئېنگېلس ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى دەۋر، ئەمەلىيەت، تونۇش تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرغان تارىخ، كىشىلەر تارىخىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر ئىدىيە، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى بېيىتقان تارىخ. شۇڭا، ماركسىزم ئۆزىنىڭ گۈزەل ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايدۇ، دەۋر تەرەققىياتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تېمىلار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كىشىلەر جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىسلارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ.

  يولداشلار!

  ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنغان 170 يىلدىن بۇيان، ماركسىزم دۇنيادا كەڭ تارقالدى. كىشىلەرنىڭ ئىدىيە تارىخىدا ھېچقانداق بىر ئىدىيەۋى نەزەرىيە كىشىلەرگە ماركسىزمغا ئوخشاش بۇنچىۋالا كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئەمەس.

  ماركسنىڭ شەخسەن رەھبەرلىكىدە، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ‹‹بىرىنچى ئىنتېرناتسىيونال›› قاتارلىق خەلقئارا ئىشچىلار تەشكىلاتى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ۋە راۋاجلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان دەۋردە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىرلىشىشى، كۈرەش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. ماركسىزملىق پارتىيەلەر ماركسىزمنىڭ تەسىرىدە دۇنيا مىقياسىدا يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك قۇرۇلدى ۋە راۋاجلاندى، خەلق تۇنجى قېتىم ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى، ئۆز ھۆرلۈكى ۋە پۈتكۈل كىشىلەرنىڭ ھۆرلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تۈپ سىياسىي كۈچكە ئايلاندى.

  لېنىن رەھبەرلىكىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلدى، سوتسىيالىزم نەزەرىيەدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، كاپىتالىزم پۈتۈن جاھاننى قاپلىغان دۇنيا ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى، بولۇپمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە زورايتتى. گەرچە دۇنيا سوتسىيالىزمى تەرەققىيات جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ.

  ماركس، ئېنگېلس ئېزىلگۈچى مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى پائال قوللىغان. 20 – ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، لېنىن ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزمچىلار ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىققا ئېرىشكەن زور بىر تۈركۈم مىللىي دۆلەتلەر قۇرۇلۇپ، جاھانگىرلارنىڭ مۇستەملىكە سىستېمىسى ئۈزۈل – كېسىل يىمىرىلىپ، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ئالاقىلىشىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسى نامايان بولدى.

  بۈگۈنكى كۈندە ماركسىزم كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، ھازىرغا قەدەر يەنىلا زور خەلقئارا تەسىرگە ئىگە ئىدىيەۋى سىستېما ۋە سۆز سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ، ماركس ھازىرغىچە يەنىلا ‹‹1000 يىل مابەينىدىكى تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر›› دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلىنماقتا.

  يولداشلار!

  ماركسىزم دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، جۇڭگونىمۇ چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، كىشىلەر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور تۆھپە قوشتى. 1840 – يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر پاراخوت، زەمبىرەكلەرگە تايىنىپ جۇڭگونىڭ دەرۋازىسىنى قوپاللىق بىلەن ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئىچكى – تاشقى مالىمانچىلىق قاپلىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

  جاھانگىرلارنىڭ ياۋۇزلارچە تاجاۋۇز قىلىشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېغىر ئازاب – ئوقۇبەتتە قېلىشى ماركسنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان. ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ماركس جۇڭگوغا ئائىت ئون نەچچە پارچە خەۋەر يېزىپ، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئەينەن ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىغان. ماركس، ئېنگېلس جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلەر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ‹‹جۇڭگو سوتسىيالىزمى››نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئىلمىي مۆلچەرلىگەن، ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەلبىدىكى يېڭى جۇڭگوغا ‹‹جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى›› دەپ چىرايلىق نام قويغان.

  يېقىنقى زاماندىن بۇيان، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ باي – قۇدرەتلىك، خەلقنىڭ بەخت – سائادەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىگە ئايلاندى. كونىچە دېھقانلار ئۇرۇشى ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ قالغان، فېئوداللىقنىڭ يىلتىزىغا تېگىش قىلمايدىغان ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكىتى ۋە ئىسلاھاتچىلىق ئارقا – ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، بۇرژۇئا ئىنقىلابچىلىرى رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلاب ۋە غەرب كاپىتالىزمىنىڭ باشقا تۈرلۈك لايىھەلىرى ئارقا – ئارقىدىن بەربات بولغان ئەھۋالدا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم – لېنىنىزمنى ئېلىپ كېلىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جاپالىق چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان جۇڭگو خەلقىگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئۇلارنى يېپيېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىگەن.

  بۇ چوڭ تارىخىي دولقۇندا، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلارچە زىممىسىگە ئالغان، جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ ئالەمشۇمۇل مۆجىزە يارىتىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە ــــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بارلىققا كەلگەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ ۋە سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەرقىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ ئۇلۇغ ھالقىشتىن ئىبارەت پولاتتەك پاكىت سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى!

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋر قەدىمىگە يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ ئۇلۇغ ھالقىشتىن ئىبارەت پولاتتەك پاكىت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى!

  يېڭى دەۋردە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك تارىخىي ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئۇلۇغ ھالقىشتىن ئىبارەت پولاتتەك پاكىت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغاندىلا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى!

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزمنىڭ تەقدىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەقدىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئاللىقاچان چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقىتى جۇڭگودا تولۇق سىناقتىن ئۆتتى، ئۇنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى جۇڭگودا تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقى جۇڭگودا تولۇق نامايان قىلىندى!

  ئەمەلىيەت يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ قەدىمىي چوڭ دۆلەتنىڭ كىشىلەر تارىخىدا مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى. تارىخ ۋە خەلقنىڭ ماركسىزمنى تاللىغانلىقى تامامەن توغرا بولغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ بايرىقىغا يازغانلىقى تامامەن توغرا بولغان، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش تامامەن توغرا بولغان!

  ماركسقا شۇنداق تەسەللى بېرەلەيمىزكى، ماركسىزم جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى، قەتئىي ئەمەلىيەتچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشماقتا!

  يولداشلار!

  ئېنگېلس: ‹‹بىر مىللەت ئىلىم – پەننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىمەن دەيدىكەن، نەزەرىيەۋى تەپەككۇردىن بىر دەقىقە ئايرىلىپ قالسىمۇ بولمايدۇ››، دېگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىمۇ ئوخشاشلا نەزەرىيەۋى تەپەككۇردىن بىر دەقىقە ئايرىلىپ قالساقمۇ بولمايدۇ. ماركسىزم باشتىن – ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتنى ئىزدەش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالىمىز.

  ماركسىزملىق ئىدىيەۋى نەزەرىيەنىڭ مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يەنىلا ماركستىن ئۆگىنىپ، ماركسىزمنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز ئىلمىي ئەقىل – پاراسەت ۋە نەزەرىيەۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە، تېخىمۇ چىڭ ئىشەنچ، تېخىمۇ مول ئەقىل – پاراسەت بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا نىشاننى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركس كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا كوممۇنىزمغا يۈزلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇقەررەر يۈزلىنىشنى ئىلمىي ئېچىپ بەرگەن. ماركس، ئېنگېلس شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنگەنكى، كەلگۈسى جەمئىيەت ‹‹شۇنداق بىر بىرلەشمە گەۋدە بولۇپ، ئۇ يەردە ھەر بىر كىشىنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىنىڭ شەرتى بولىدۇ››، ‹‹پىرولېتارلار بۇ ئىنقىلابتا پەقەت كىشەندىنلا ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پۈتكۈل دۇنيا بولىدۇ››. ماركس تارىخ ئېقىمى جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرىلەپ، خەلق ئۆزلىرىنىڭ خوجايىنىغا، جەمئىيەتنىڭ خوجايىنىغا، كىشىلەر جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغاندىلا، كوممۇنىستىك غايىنىڭ ھازىرقى ھالەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان رېئال ھەرىكەت جەريانىدا قەدەممۇ قەدەم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن. ماركسىزم كوممۇنىستلارنىڭ غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىشىغا نەزەرىيەۋى ئاساس سالدى. بىز دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر قانچىلىغان باسقۇچلۇق نىشانغا تەدرىجىي يېتىدىغان تارىخىي جەريان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، كوممۇنىزم يۈكسەك ئۇلۇغۋار غايىسىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسى بىلەن، شۇنداقلا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ غايە – ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ماركسقا ئوخشاش كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. خەلقچىللىق ــــ ماركسىزمنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى. ماركس: ‹‹تارىخىي ھەرىكەت ئاممىنىڭ ھەرىكىتى››، دېگەن. خەلقنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ماركسنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى ئىدى. بىز باشتىن ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىنى تۈپ مەيدان، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەشنى تۈپ بۇرچ قىلىپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ۋە ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنى بىرلىكتە تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. بۇ تارىخىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىدىكى ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى.

  ــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركسىزم مۇنداق قارايدۇ: ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ماددىي ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا ماسلىشىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىغىندىسى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي بازىسنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىنقىلابىي ئامىل. ‹‹كىشىلەر ئېرىشكەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يىغىندىسى جەمئىيەت ئەھۋالىنى بەلگىلەيدۇ››. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلما ئۆزئارا رول ئويناپ، بىر – بىرىنى چەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تەڭشەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى كۈچ ئۇلاپ ئىزدىنىپ، كۈچەپ ھەل قىلىدىغان زور مەسىلە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 70 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى تاماملاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېز سۈرئەتتە دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بىز ئىسلاھاتنى باتۇرلۇق بىلەن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ئۈستقۇرۇلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانۇنىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ـــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركس، ئېنگېلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ‹‹پىرولېتارىيات ھەرىكىتى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان مۇستەقىل ھەرىكەت››، ‹‹مۇبادا ئىشچىلار سىنىپى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشسە، كونا دۆلەت ماشىنىسىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ باشقۇرسا بولمايدۇ››، چوقۇم ‹‹يېڭى ھەقىقىي دېموكراتىك دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشى كېرەك››. دۆلەت ئورگانلىرى جەمئىيەتنىڭ خوجايىنىدىن جەمئىيەتنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق خوجايىن بولۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق خوجايىن بولىدىغان تۈزۈم كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك.

  ــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركس مۇنداق قارىغان: ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتا، كىشىلەر ئوخشىمىغان ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئىدىيە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي بازىس تەرىپىدىن بەلگىلەنسىمۇ، لېكىن يەنە ئىقتىسادىي بازىسقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىلغار ئىدىيە، مەدەنىيەت ئامما تەرىپىدىن ئىگىلەنسە، قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە ئايلىنىدۇ؛ ئەكسىچە، قالاق، خاتا قاراش سۈپۈرۈپ تاشلانمىسا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى بوغۇپ قويىدۇ. نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى، مەدەنىيەت ئىشەنچى بىر مىللەتنىڭ ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ؛ قىممىتى ئىلغار، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، بىر جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. دۆلەتنىڭ روھى مەدەنىيەت ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ. بىز جۇڭگونى مەۋقە قىلىپ، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك.

  ــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركس، ئېنگېلس كەلگۈسى جەمئىيەتتە ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ھەممە كىشىنى بېيىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ››، ‹‹ھەممە كىشى كۆپچىلىك ياراتقان پاراۋانلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ›› دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان. ئېنگېلس ماركسنىڭ ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى››، ‹‹گوتا پىروگراممىسىغا تەنقىد››، ‹‹كاپىتال›› قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار تەشەببۇسلارغا بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزم شارائىتىدا جەمئىيەت ‹‹ھەممە كىشىنى ساغلام ۋە پايدىلىق خىزمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەممە كىشىگە يېتەرلىك ماددىي تۇرمۇش ۋە ئارام ۋاقتى يارىتىپ بېرىشى، ھەممە كىشىنى ھەقىقىي تولۇق ئەركىنلىك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك››دەپ شەرھلىگەن. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  ــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركس مۇنداق قارىغان: ‹‹ئادەم تەبىئەت دۇنياسىغا تايىنىپ ياشايدۇ››، تەبىئەت كىشىلەرنى مۇنبەت تۇپراق، بېلىق مول بولغان دەريا، كۆل، دېڭىز قاتارلىق تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى مەنبەسى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. تەبىئىي مۈلۈك كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تەبىئىي شارائىتنى ھاسىل قىلىدۇ. كىشىلەر تەبىئەت بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، كىشىلەر تەبىئەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلسا تەبىئەتمۇ كىشىلەرنى تارتۇقلايدۇ، ئەمما ‹‹كىشىلەر ئىلىم – پەنگە، ئىجادچانلىقىغا، تالانتىغا تايىنىپ تەبىئەتنى بويسۇندۇرماقچى بولىدىكەن، تەبىئەت كىشىلەردىن ئۆچ ئالىدۇ››. تەبىئەت ھاياتلىقنىڭ ئانىسى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، كىشىلەر چوقۇم تەبىئەتتىن ئەيمىنىشى، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىشى، تەبىئەتكە بويسۇنۇشى، تەبىئەتنى قوغدىشى كېرەك. بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز ۋە ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، خەلقنى سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولغان تەبىئەت گۈزەللىكى، ھاياتلىق گۈزەللىكى، تۇرمۇش گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك.

  ــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ دۇنيا تارىخى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركس، ئېنگېلس مۇنداق دېگەن: ‹‹كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئالاقە ھەم ئالاقىدىن تەبىئىي شەكىللەنگەن ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىش تەقسىماتىغا ئەگىشىپ مىللەتلەرنىڭ ئىپتىدائىي بېكىنمە ھالىتىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل يوقىلىشى بىلەن، تارىخمۇ تەدرىجىي دۇنيا تارىخىغا ئايلىنىدۇ››. ماركس، ئېنگېلسنىڭ ئەينى چاغدىكى بۇ تەسەۋۋۇرى ھازىر رېئاللىققا ئايلاندى، تارىخ ۋە رېئاللىق بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى كۈنسېرى ئىسپاتلىدى. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئالاقىسىنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ بولماقتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا تايىنىشى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ زىچ بولماقتا. بىر گەۋدىلەشكەن دۇنيا دېگەن مانا شۇ، كىم بۇ دۇنيانى رەت قىلسا، دۇنيامۇ ھەم ئۇنى رەت قىلىدۇ. بارلىق مەۋجۇدات بىللە يېتىلسىمۇ، بىر – بىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بىللە ئىلگىرىلەش بىر – بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، بىز دۇنيا تارىخى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان زور مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، باشقىلارغا بېقىندى بولماسلىق، باشقىلارنى تالان – تاراج قىلماسلىقنى تېخىمۇ كۆپ ساھە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ـــــ ماركستىن ئۆگىنىشتە، ماركسىزمنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ماركس مۇنداق قارىغان: ‹‹پىرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا كوممۇنىستلار پۈتكۈل ھەرىكەتنىڭ مەنپەئىتىگە باشتىن – ئاخىر ۋەكىللىك قىلدى››، ‹‹ئۇلارنىڭ پۈتكۈل پىرولېتارىياتنىڭ مەنپەئىتىدىن باشقا ھېچقانداق مەنپەئىتى يوق››، بەلكى ‹‹مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن››، كوممۇنىزم جەمئىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. كومپارتىيە ‹‹پۈتۈن دۇنيادا كىشىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ھەرىكەت سەۋىيەسىنى ئۆلچىشى ئۈچۈن ئابىدە تىكلەپ بېرىشى كېرەك››. ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن تۈپ پەرقى ـــــ باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇپ، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىدا. بىز ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەمىزنى باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە باتۇرلۇق بىلەن ئىنقىلاب قىلىدىغان، ھەرخىل بوران – چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  يولداشلار!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە، ماركسىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە – ئېتىقادىنىڭ جېنى. يولداش ماۋ زېدۇڭ 1938 – يىلى مۇنداق كۆرسەتكەن: ‹‹ئەگەر پارتىيەمىزدە ماركسىزم – لېنىنىزمنى چالا – بۇلا ئەمەس، سىستېمىلىق، قۇرۇق ئەمەس، ئەمەلىي ئۆگەنگەن بىر – ئىككى يۈز يولداش بار بولسا ئىدى، پارتىيەمىزنىڭ جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاشقان بولاتتى››.

  پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم سەۋەبنىڭ پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، قەتئىي ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى ساقلىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

  ھازىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ – خەتەر، خىرىسنىڭ كۆپلۈكى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. بىز ئۈستۈنلۈكنى، تەشەببۇسكارلىقنى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ماركسىزمدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق زورخىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، زور خەۋپ – خەتەرگە قارشى تۇرۇش، زور توسالغۇنى تۈگىتىش، زور زىددىيەتنى ھەل قىلىش، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد ۋە كوممۇنىزملىق غايىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشىمىز كېرەك.

  ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى›› ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە 170 يىل ئۆتتى، كىشىلەر جەمئىيىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، لېكىن ماركسىزم شەرھلىگەن ئومۇمىي قائىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا يەنىلا تامامەن توغرا. بىز دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، ماركسىزملىق مەيدان، كۆزقاراش، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، ماركسىزمنىڭ دۇنيانىڭ ماددىيلىقى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتى، كىشىلەر جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ تەبىئىيلىكى، تارىخىيلىقى ۋە ئالاقىدار قانۇنىيىتى، ئادەمنىڭ ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات قانۇنىيىتى، تونۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، ماركسىزملىق ئەمەلىيەت قارىشى، ئاممىۋى قاراش، سىنىپىي قاراش، تەرەققىيات قارىشى، زىددىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەتبىقلاپ، ماركسىزمدىن ئىبارەت كامالەتكە يەتكەن ماھارەتنى پۇختا ئۆگىنىشىمىز، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ياخشى ئىشلىتىشىمىز كېرەك.

  پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇزاققىچە ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، مەسىلە قويۇپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئىلمىي ئىدىيەۋى نەزەرىيەنى دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشى كېرەك. كوممۇنىستلار ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، ماركسىزمنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى تۇرمۇش ئادىتى، مەنىۋى ئىستەك قىلىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق توغرا كەيپىياتنى ساقلاپ، ئىدىيەسىنى تاۋلاپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىلمىي نەزەرىيەگە مۇئامىلە قىلىشتا چوقۇم ئىلمىي پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك. ئېنگېلس چوڭقۇر كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ماركسنىڭ پۈتكۈل دۇنيا قارىشى تېئولوگىيە ئەمەس، بەلكى ئۇسۇل. ئۇنىڭ تەمىنلىگىنى تەييار دوگما بولماستىن، بەلكى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مۇشۇنداق تەتقىقاتتا قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت››. ئېنگېلس يەنە مۇنداق كۆرسەتكەن: بىزنىڭ نەزەرىيەمىز ‹‹تارىخنىڭ مەھسۇلى، ئۇ ئوخشاشمىغان دەۋردە پۈتۈنلەي ئوخشاشمىغان شەكىلگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە پۈتۈنلەي ئوخشاشمىغان مەزمۇنغا ئىگە››. ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، تاشلاپ قويساق سوتسىيالىزم بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلمىي سوتسىيالىزم ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەس قائىدە ئەمەس. مەن زامانىمىزدىكى جۇڭگودىكى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ دۆلىتىمىز تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئاددىيلا داۋاملاشتۇرغان ئانا نۇسخا ئەمەسلىكىنى، ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاددىيلا تەتبىقلانغان قېلىپ ئەمەسلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنىڭ تەكرارلانمىسى ئەمەسلىكىنى، چەت ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىمۇ ئەمەسلىكىنى ئېيتقانىدىم. سوتسىيالىزمدا بېكىتىلگەن، ئۆزگەرمەس قېلىپ يوق، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى دۆلەتنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، دەۋر تەلىپى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى يەكۈنلىگەندىلا، پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  نەزەرىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتا، ماركسىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بىز قەتئىي ھالدا ماركسىزم بىلەن دەۋرنى كۆزىتىشىمىز، دەۋرنى چۈشەندۈرۈشىمىز، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، جانلىق، مول بولغان ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، كىشىلەر ياراتقان بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن قوبۇل قىلىشىمىز، ئىسلاھات داۋامىدا تەۋرەنمەي يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزىدىن ئۈزلۈكسىز ھالقىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ، 21 – ئەسىردىكى ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك!

  يولداشلار!

  بۈگۈن بىزنىڭ ماركسنى خاتىرىلىشىمىز كىشىلەر تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، شۇنداقلا بىزنىڭ ماركسىزملىق ئىلمىي ھەقىقەتكە بولغان قەتئىي ئېتىقادىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۈر.

  ئېنگېلس مۇنداق دېگەن: ‹‹ماتېرىيالىزملىق نۇقتىئىنەزەرىمىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرساق ھەم ئۇنى دەۋرگە تەتبىقلىساقلا، كۈچلۈك بولغان، بارلىق دەۋرلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىنقىلاب كېلەچىكى دەرھال كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ››. بىز ئىلگىرىلەش يولىدا ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى داۋاملىق جەۋلان قىلدۇرۇپ، ماركس، ئېنگېلس تەسەۋۋۇر قىلغان كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى جۇڭگو زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز جانلىق نامايان قىلايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.