تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماركسنىڭ تەلىماتىدىن ھېلىھەم كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا(1)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ماركسنىڭ ئۇلۇغ پەزىلىتى ۋە تارىخىي تۆھپىلىرى تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، ماركسنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە شانلىق ئىدىيەسى قەدىمكىلەرنى بېسىپ چۈشۈپ، بۈگۈنكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  ‹‹ماركسىزم كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، ئۇ تا ھازىرغىچە يەنىلا زور خەلقئارا تەسىرگە ئىگە ئىدىيە سىستېمىسى ۋە سۆز سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ، ماركس ھازىرغىچە <1000 يىل مابەينىدىكى تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر> دەپ ئېتىراپ قىلىنماقتا››. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ماركسنىڭ ئۇلۇغ شانلىق ھاياتىنى چوڭقۇر ئەسلەپ ئۆتۈپ، ماركسىزمنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى ۋە كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور رولىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسى ۋە مول نەتىجىسىنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولغان شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي تەلىماتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  200 يىل ئىلگىرى، ماركس گېرمانىيەنىڭ ترىئېر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ خۇددى ھەيۋەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك كىشىلەرنىڭ تارىخ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۆزىنى ئازاد قىلىش يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. ماركس پۈتۈن دۇنيا پىرولېتارىياتلىرى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ئۇستازى، ماركسىزمنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەگە ئاساس سالغۇچى ۋە خەلقئارا ئىنتېرناتسىيونالىزمنى بەرپا قىلغۇچى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ھاياتى يۈكسەك غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن، كىشىلەرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات، جاپا – مۇشەققەت، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىدىيەنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە جاسارەت بىلەن ئۆرلىگەن ھايات، كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلغان ھايات. ماركسنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيەسى ئەينى دەۋرنى مەنبە قىلغان، شۇنداقلا دەۋر ھالقىغان، ئۇ ھەم ئەينى دەۋر روھىنىڭ جەۋھىرى، ھەم پۈتكۈل كىشىلەر روھىنىڭ جەۋھىرى. بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ماركس ھەقىقىي ئۇلۇغ زات.

  ماركسىزم ماركس بىزگە قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مەنىۋى بايلىق، ئۇ، كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىجادىي ئېچىپ بەردى، تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئىدىيە سىستېمىسىنى ياراتتى، خەلقنىڭ دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلدى. ماركسىزمنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى كىشىلەرنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىش، ماركسىزمدەك كىشىلەرگە بۇنداق كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدىيەۋى نەزەرىيە بولغان ئەمەس. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمنىڭ ئىلمىي خاسلىقى، نەزەرىيەۋى پەزىلىتى، رېئال ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتىنى ئىلمىي نەزەرىيە، خەلق نەزەرىيەسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەسى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدىغان ئوچۇق نەزەرىيەدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ماركسىزمنىڭ كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئىدىيە تارىخى، كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى قىممەتلىك تۆھپىسى ۋە زور تەسىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىمىزنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.

  ئىككى ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، كىشىلەر جەمئىيىتىدە غايەت زور ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئەمما ماركس دېگەن بۇ ئىسىم ھېلىھەم دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە، ماركسنىڭ تەلىماتىدىن ھېلىھەم كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرماقتا. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب دەل ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ دوگما ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى ئىكەنلىكىدە، باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىدا. ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ماركس، ئېنگېلىس ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى دەۋر، ئەمەلىيەت، تونۇش تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تارىخ، كىشىلەر تارىخىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر ئىدىيە، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرىدىغان تارىخ. سوتسىيالىزمدا بىرلا بېكىتىلسە ئۆزگەرمەيدىغان ئۇسۇل يوق، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى دۆلىتىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە، تارىخ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە، دەۋرنىڭ تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرسەكلا، ماركسىزم ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ، دەۋر تەرەققىياتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تېمىلار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كىشىلەر جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىسلارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ.

  تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزمنىڭ تەقدىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەقدىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بۈگۈنكى كۈندە ماركسنى خاتىرىلىگەندە، ماركستىن ئۆگىنىپ، ماركسىزمنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىلمىي ئەقىل – پاراسەت ۋە نەزەرىيەۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ ئەقىل – پاراسەتكە تولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي تىرىشىپ، ‹‹ئىككى 100 يىللىق›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.