تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

بېيجىڭ داشۆسى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

  شى جىنپىڭ

  (2018– يىلى 5 – ئاينىڭ 2– كۈنى )

  ساۋاقداشلار، ئوقۇتقۇچىلار، يولداشلار:

  بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ‹‹4 – ماي›› ياشلار بايرىمى، شۇنداقلا بېيجىڭ داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى بولىدۇ. مەن ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بېيجىڭ داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مەكتەپداشلار، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشلار ۋە ياش خىزمەتچىلەرگە بايراملىق سالام يوللايمەن!

  بېيجىڭ داشۆسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ‹‹قوش ئەلا›› قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتا گەۋدىلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، مەكتەپنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى ئېنىق، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ خۇشاللاندۇرىدۇ.

  ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتى بېيجىڭ داشۆسىدىن باشلانغان، ۋەتەننى سۆيۈش، ئالغا بېسىش، دېموكراتىك، ئىلمىي بولۇشتىن ئىبارەت ‹‹4 – ماي›› روھى بېيجىڭ داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى خەلق بىلەن بىرلىكتە يول ئېچىش، ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە باشتىن – ئاخىر رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. ياشلىق غايە، ياشلىق ھاياتىي كۈچ، ياشلىق جاسارەت جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بۈگۈنكى يېڭى مۇساپىدە، بېيجىڭ داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ‹‹4 – ماي›› روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەت، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   جۇڭخۇا مىللىتى ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتىدىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگۈچە بولغان جەرياندا ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ سەكرەشنى كۈتۈۋالدى. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئىش.

  مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇ بولسىمۇ: 2020 – يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، 2035 – يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىزنى باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان ياشلار ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. مەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا – دۇمباق چېلىش بىلەن ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، دېگەنىدىم. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ مۈشكۈل ۋە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ياشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  ھەر بىر دەۋردىكى ياشلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق پۇرسىتى ۋە تەقدىرى بار. ئېسىمدە قېلىشىچە، بېيجىڭ داشۆسىدىكى ئوقۇغۇچىلار 1981 – يىلى يەنيۈەندە ‹‹ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى›› دېگەن ياڭراق شوئارنى توۋلىغان. بىز بۈگۈنكى كۈندە بۇ شوئارنى يەنە توۋلاپ، ھەممە بىر مەقسەتكە كېلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ياشلار ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى، شۇنداقلا ئارزۇنى روياپقا چىقارغۇچى. ئارزۇغا ئىنتىلىش كۈچلۈك ھېسسىيات ۋە غايىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ۋە تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ياشلار تىرىشىپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا ياشلىق ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، ياشلىق غايىسىنى قوغلىشىپ، ياشلىق جاسارىتى بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن يول ھازىرلاپ، ۋەتەن ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ساۋاقداشلار، ئوقۇتقۇچىلار!

  يېقىنقى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تارىخى بىزگە پەقەت سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بۈگۈنىمىز مۇشۇنداق قولغا كەلگەن، بىزنىڭ ئەتىمىز ياشلارنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىز بېسىپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە موھتاج.

  مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ؛ مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئالىي مائارىپ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالىي مائارىپ، ئىلىم – پەن بىلىملىرى ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەخىرسىز بولۇۋاتىدۇ. مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇتۇش كۆلىمى ۋە ھەر يىلى مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن كۆلەمنىڭ كېڭىيىشى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش دۆلىتىمىز ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى.

  داشۆلەر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان، ياشلار بىلىم ئېلىپ، ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىدىغان جاي. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەكتەپتە قانداق ئادەمنى تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش توغرىسىدا ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقچىمەن.

   مەن ئاۋۋال شۇنداق ئېنىق جاۋاب بەرمەكچىمەنكى، بىزنىڭ مائارىپىمىز ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك يېتىشكەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشى كېرەك. مەن يېقىندا 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا بارلىق ۋەكىللەرگە: ‹‹جۇڭگو خەلقىنىڭ خاراكتېرى ۋە تالانتى نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپلا قالماستىن، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە، زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە›› دېگەنىدىم. مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەشچانلىق روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى تىلغا ئالدىم. بۇنداق ئۇلۇغ روھنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ئىجاد قىلغان، توپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ‹‹دۆلەت خەلققە تايىنىپ قۇدرەت تاپىدۇ، ئىختىساسلىقلار ئۆگىنىش ئارقىلىق كامالەت تاپىدۇ››. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ مائارىپ فاڭجېنى، ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئورتاق تەقدىرى. داشۆلەر ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئالىي مەكتەپلەر سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتقاندىلا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئۇللۇق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك:

  بىرىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇشتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹يوسۇننامە. داشۆ››دە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رولى ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاق – پەزىلەتلىك، خەلقچىل قىلىپ تەربىيەلەپ، كامالەتكە يەتكۈزۈش››. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە، مائارىپ ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشقا دائىر ئىدىيەۋى ئېقىم كۆپ، نەزەرىيەۋى كۆزقاراشلار بىردەك بولمىسىمۇ، بىراق مائارىپنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىدىكى تونۇشى بىردەك. ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، بىلىم توپلاش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشىگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە، ھەممە دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەلىپى بويىچە ئادەم تەربىيەلىگەن، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

  ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز، شۇنداقلا ئېلىمىز داشۆلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسى. بۇ يىل ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى، دۇنيا خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ماركس ھازىرمۇ يەنىلا ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى داڭلىق پائالىيەتچىلىرى دەل بېيجىڭ داشۆسىدە خىزمەت قىلغان ياكى ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ماركسىزملىق ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا، ماركسىزم ئىدىيەسىنى تارقىتشقا باشلىغان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. بۇ، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئىپتىخارى، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ شەرىپى. ماركسىزملىق نەزەرىيە بىلەن تەربىيەلىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماركسىزمنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى ۋە ئىلمىي ھەقىقىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ماركسىزملىق مەيدان، كۆزقاراش، ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ دۇنيانى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشنى بىلىش يولىدا تەربىيەلەپ، دۇچ كېلىۋاتقان دەۋر تېمىسىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئېنىق تونۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىلمىي ئىدىيەۋى ئاساس سېلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى بوشاشماي يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى، ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بىز سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلساقلا، داشۆلىرىمىزنىڭ دۇنيادا ئورنى بولىدۇ، سۆز ھوقۇقى بولىدۇ.

  ‹‹ئىختىساسلىقلار ئەخلاقنى بايلىق بىلىدۇ؛ ئەخلاق ئىگىلىرى ئىختىساسلىقلارنى ئۇستاز بىلىدۇ››. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەزمەن ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ بىرلىككە كەلگەن جەريانى بولۇپ، بۇنىڭدا ئادەم تەربىيەلەش ئاساس. ئەخلاق بولمىسا ئادەم روناق تاپمايدۇ، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نېگىزى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە. بۇ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ دىيالېكتىكىسى. مەكتەپ باشقۇرۇشتا بۇ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بولمىسا مەكتەپنى ياخشى باشقۇرغىلى بولمايدۇ. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمىنى مەكتەپلەرنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى سەۋىيەسى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئەخلاق – پەزىلىتى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇش، ئاممىۋى ئەخلاققا بويسۇنۇش، شەخسىي ئەخلاقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى داشۆ قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەشنى يادرو، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئاچقۇچ ئوقۇتقۇچىلاردا. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ھەر تەرەپ، ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق. بۇ بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئوخشاشلا، ئۇچۇرلىشىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىلىم ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆگىتىش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش بىلەن ئوقۇش مۇناسىۋىتىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. بۇمۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

  سىياسىي ساپا جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسپىي ئىقتىدار جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۈستۈن بولغان يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل خىزمەت. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپا تەلىپى، خادىملار قۇرۇلمىسى، تەربىيەلەش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئويلىشىش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىب تاپىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدۇ. مەن 2014 – يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا بېيجىڭ پېداگوگىكا داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، قانداق قىلغاندا ياخشى ئوقۇتقۇچى بولغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا غايە – ئېتىقادلىق بولۇش، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇش، چوڭقۇر بىلىملىك بولۇش، مېھرىبان بولۇشتىن ئىبارەت تۆت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. مەن بۈگۈن بۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچى.

  قەدىمكىلەر: ‹‹ئوقۇتقۇچى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك›› دېگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ‹‹سۆزى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى ئۈلگە›› بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەربىر سۆز – ھەرىكىتى ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ئەھۋالى ناھايىتى كۈچلۈك ئۈلگىلىك خاراكتېرگە ئىگە. تەربىيەلىگۈچىلەر ئاۋۋال تەربىيەلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە يول باشلايدىغان مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى باھالاشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى چوقۇم ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى ھەر بىر مەكتەپ دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتىدىغان خىزمەت، بۇنىڭدا قاتتىق تۈزۈم، بەلگىلىمىمۇ بولۇشى ھەم كۈندىلىك مائارىپ تەپتىشلىكىمۇ بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچى بىلىمگە ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا يەنە بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. بىز كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈپ ئادەم تەربىيەلەش بىلەن ئۆزىنى تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش، ئەخلاق ئارقىلىق مەكتەپ قۇرۇش، ئەخلاق ئارقىلىق تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ‹‹قۇدۇق قازغۇچى شۇنچە چوڭقۇر قۇدۇقنىمۇ ئاز – ئازدىن قېزىپ پۈتكۈزىدۇ››. سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى ئالىيجاناب ئەخلاق ھەم ھەقىقىي قابىلىيەت، ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە نېمە ئۆگىنىشى، نېمىنى ئۆگىنەلىشى، قانداقراق ئۆگىنىشى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھازىر دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بەزى مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، بۇنىڭدا ئاچقۇچ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى چوقۇم قانداق ئادەمنى تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلۇشى كېرەك، چەت ئەللەرنىڭ پايدىلىق ئۇسۇللىرىنى ئەينەك قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم جۇڭگوچە ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش شەرت.

  ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى پەنلەر سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگىنى ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىدۇر. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خاسلىقىمىز ۋە ئەۋزەللىكىمىزنى ئۈنۈملۈك ھالدا سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   بۈگۈنكى دۇنيادا پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. ئالىي مەكتەپلەر دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ھالقىش خاراكتېرلىك تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئارىلاشما پەنلەر توپى ۋە كۈچلۈك پەن – تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كوللېكتىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، پەنلەر ئارا ماس يېڭىلىق يارىتىشنى، دەسلەپكى ئىجادىي، سىستېمىلىق، باشلامچى تەتقىقاتنى قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەك. خەلقئارا سەۋىيەدىكى زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن – تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئۇل تەتقىقات، باشلامچى ئىجادىي نەتىجىلەردە تىرىشىپ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  ساۋاقداشلار، ئوقۇتقۇچىلار!

  زامانىمىزدىكى ياشلار يېڭى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان بىر ئەۋلادتۇر. بىز دۇچ كەلگەن يېڭى دەۋر ھەم يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ياخشى دەۋر، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق دەۋر. ياشلار ھەم كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە، ھەم ئۇلۇغ دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. ياشلار دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى. مەن ھەر بىر ياشنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ، دەۋر بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ پۇرسەت، شۇنداقلا كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ سىناق.

   2014 – يىلى مەن بېيجىڭ داشۆسىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ياشلارغا قەتئىي ئېتىقاد، ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەت، مول بىلىملىك بولۇش، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت تۆت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن يەنە ياشلارغا بىر قانچە ئۈمىدىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.

  بىرىنچى، ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇش كېرەك. ۋەتەننى سۆيۈش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات، بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق مەنبەسى، تۆھپە قوشۇش ئاساسى. سۇن جۇڭشەن ئەپەندى: ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ‹‹ۋەتەننى سۆيۈشنى بىلىشتۇر›› دېگەنىدى. بىز دائىم ئادەم غۇرۇرلۇق، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇشى كېرەك، دەيمىز. مەيلى غۇرۇر ياكى ئەخلاق – پەزىلەتتە بولسۇن، ۋەتەننى سۆيۈش ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. ھەر ۋاقىت دۆلەتنى ئويلاپ، ھەممىلا يەردە خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، ‹‹دۆلەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىزغىنلىق بىلەن قىلىشىمىز، دۆلەتكە زىيانلىق ئىشلارغا لەنەت ئوقۇشىمىز كېرەك››. ۋەتەننى سۆيۈشتە شوئار توۋلاش بىلەنلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ئۆز غايىمىزنى ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى بىلەن، كىشىلىك ھاياتىمىزنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىرادىگە ئىلھام بېرىپ، يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. سۇ شى: ‹‹قەدىمدىن تارتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئۇلۇغ نەتىجە ياراتقان كىشىلەردە ئىنسانىيەتتىن ھالقىغان، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان تالانت بولۇپلا قالماي، يەنە مەسىلىلەرگە يۈزلىنەلەيدىغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان جاسارەت ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بولغان›› دېگەن. ۋاڭ شوۋرېن: ‹‹ئىرادە تىكلىمىگەندە، ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ›› دېگەن. بۇنىڭدىن ئىرادە تىكلەشنىڭ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ياشلار كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشى، غايىسى مۇستەھكەم، ئېتىقادى قەتئىي، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، باتۇرانە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، قەيسىرانە ئېلىشىدىغان، قەتئىي بوشاشمايدىغان بولۇشى كېرەك. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. 1939 – يىلى 5 – ئايدا يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندە ئۈلگىلىك ياشلارنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىدا: ‹‹جۇڭگونىڭ ياشلار ھەرىكىتى ناھايىتى ياخشى ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە، بۇ ئەنئەنە دەل <مەڭگۈ كۈرەش قىلىش>تۇر. بىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەمىز بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان، ھازىرمۇ ۋارىسلىق قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشمىز كېرەك›› دېگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ــــ بىز كىشىلىك ھاياتىمىزدا تەستە ئېرىشىدىغان پۇرسەت. ھەر بىر ياش بۇ ئۇلۇغ دەۋرنى قەدىرلەپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي بىلىمنى كۆزلەپ، ھەقىقىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش كېرەك. ‹‹ئويۇلمىغان قاشتاشنىڭ قىممىتى بولماس؛ ئۆگەنمىگەن ئادەمنىڭ ئىززىتى بولماس››. بىلىم ھەر بىر كىشىنىڭ تالانتلىق بولۇپ يېتىلىشىدىكى ئۇل تاش، ئۆگىنىش باسقۇچىدا بۇ ئۇل تاشنى جەزمەن چوڭقۇر، پۇختا قۇيۇش كېرەك. ئۆگىنىشتە جەزمەن راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي بىلىمنى كۆزلەپ، قائىدىنى بىلىپ، ئىشنىڭ يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارچە – پۇرات ئۇچۇر، تېز تاماق خاراكتېرىدىكى بىلىم بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىق كېرەك. بىلىم ئۆگىنىش ئارقىلىق، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، جاھان قائىدىسىنى چۈشىنىش، بىلىمنى بېيىتىش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، پەقەت ئۈزلۈكسىز ئۆگەنگەندىلا، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا، ئۇنى تولۇق قېزىپ چىققىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق. ياشلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش مەزگىلىنى قەدىرلەپ، ھەقىقىي بىلىمنى كۆزلەپ، ھەقىقىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى شەرەپ كەلتۈرۈپ، خەلققە تېخىمۇ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تۆتىنچى، ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك. ‹‹كىتابىي بىلىم نىسبەتەن يۈزەكى بولىدۇ، ئەگەر شەيئىلەرنى چوڭقۇر تونۇماقچى بولساق، يەنە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ››. ئۆگەنگەن نەرسە كىتابتىلا قالماسلىقى، ئۇنى كاللىمىزغا سىڭدۈرۈش بىلەنلا قالماي، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىش ئارقىلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىلىش ئارقىلىق بىلىشنى كۆزلىشىمىز كېرەك. خۇددى ‹‹بىلىم ئالغۇچىلار بىلىم ئېلىشنى سەپەر قىلىشتىن باشلىغان، سەيياھلار بىلىم توپلاش ئارقىلىق كامالەتكە يەتكەن›› دېگەندەك. ھەر بىر ئىشنى مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، بىر – بىرلەپ قىلىش كېرەك. ‹‹يول يېقىن بولسىمۇ، ماڭمىساق نىشانغا يېتىپ بارغىلى بولمايدۇ، ئىش كىچىك بولسىمۇ، قىلمىساق، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ››. بۇ مەڭگۈلۈك قائىدە. ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشتا ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئېغىزدىلا دەپ قويۇپ قىلماسلىق، نەزەرى ئۈستۈن، ھالى بوش بولۇش. مەيلى ئۆگىنىش ياكى خىزمەتتە بولسۇن، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتتىن ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش كېرەك؛ ناھايىتى ئېھتىياتچان، ئەمەلىي بولۇپ، بىر ئۈلۈش يەر تېرىپ، بىر ئۈلۈش ھوسۇل ئېلىپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. ياشلار تىرىشىپ غايىلىك، بىلىملىك، تالانتلىق، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردە زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك. مەن ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغىنىم شۇكى: سوتسىيالىزم ئىشلەشتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن.

  ساۋاقداشلار، ئوقۇتقۇچىلار!

  مەن: ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى تارىخنىڭ، رېئاللىقنىڭ، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ؛ بىز بۇ بىر ئەۋلادنىڭ، تېخىمۇ مۇھىمى، ياش ئەۋلادلارنىڭ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ››، دېگەنىدىم. يېڭى دەۋردىكى ياشلار يېڭى دەۋر باھار شامىلىغا جور بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىپايان بوشلۇقىدا ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى بولۇش بۇرچىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىزنىڭ كۈرىشىمىز داۋامىدا رېئاللىققا ئايلانغۇسى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.