تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىدى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە زىممىمىزدىكى تارىخىي بۇرچنى ئىلمىي ئانالىز قىلدى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ، يېڭى دەۋردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەم – كوتسىز چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  بىرىنچى، ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى، شۇڭا، ئۇزاققىچە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قايتا – قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە پىرىنسىپال تەلىپىنى، ئالاقە تورى تەرەققىياتىنى ئىدارە قىلىشتىكى خەلقئارا تەشەببۇسنى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا توغرا سىياسىي يۆنىلىش، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، توردا تەشۋىق قىلىشتىكى ئىدىيە، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتە قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ بىلەن بارلىق تور ئەھلىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  تۆتىنچى، تور بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا بولغان تور بىخەتەرلىكى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تور بىخەتەرلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكى مۇداپىئەسىنى پۇختىلاپ، مېخانىزم ۋاسىتىسى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە تىجارەتچىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توردا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  بەشىنچى، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تېز يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كارخانىلىرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى، يادرولۇق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش، كارخانا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، جەمئىيەت نازارەت قىلىش، تور ئەھلى تەلەپچان بولۇش قاتارلىق كۆپ سۇبيېكتلار قاتنىشىدىغان، ئىقتىساد، قانۇن، تېخنىكا قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش تور ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز ‹‹ئېنېرگىيە تولۇقلاپ››، ئالاقە تورى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، توردا جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تور بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان، تورنى چۈشىنىدىغان، توردىن پايدىلىنالايدىغان، تورنى باشقۇرالايدىغان، تور ئىشلىرىنى كۈچەيتەلەيدىغان ماھىرلارغا تىرىشىپ ئايلىنىشى كېرەك.

   سەككىزىنچى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزمى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كادىرلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.