تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا كېلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۋاراج، قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇراخمانوۋ، قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇئەردايېۋ، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف، تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسلوۋ، ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى كامىلوۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەلىموۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سېسۇيېۋلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 17 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆزگىچە تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ، كەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك رايون تەشكىلاتىغا ئايلاندى. ئەزا دۆلەتلەر ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئادىللىق – ھەققانىيلىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت، تاشقى ئالاقە، مېخانىزم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئومۇمىي ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرىكىدەكلا دىپلوماتىيە جەھەتتە ئالدىن تاللايدىغان يۆنىلىشنىڭ بىرى قىلىپ كەلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز بىرىنچىدىن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ‹‹شاڭخەي روھى››نى قەتئىي ئەۋج ئالدۇرىمىز؛ ئىككىنچىدىن، ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنى كېڭەيتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قازىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، سىياسىي جەھەتتە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى›› ۋە ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ لايىھەسى››نى تەقدىم قىلىشنى؛ خەۋپسىزلىك جەھەتتە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى، ماسلىشىش سەۋىيەسى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى؛ ئىقتىساد جەھەتتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي قىلىشنى؛ خادىملارنىڭ باردى – كەلدى قىلىشى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئەلرايىنىڭ باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو چىڭداۋدا جەم بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى جەزمەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ، قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇئەردايېۋ، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۋاراج، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف چەت ئەل تەرەپلەرگە ۋاكالىتەن ئىلگىرى – كېيىن سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ رەئىس دۆلىتى سۈپىتىدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ باھا بېرىدۇ. ئەزالىرى كۆپەيگەندىن كېيىنكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ‹‹شاڭخەي روھى››دا چىڭ تۇرۇشى ھەم ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئاكتىپ تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن قويۇق ماسلىشىپ، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى. رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شاۋيىگۇ، قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاسۇزاكوۋ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى پ دۇشەنبېيېف، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوستېلگىلخان، تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىرزو، ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەزىزوۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇۋېتوۋىچ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گىيوسوۋ، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەنخاۋرەن ھەم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمان قاتارىدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان بېلارۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رافكوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى كۆپەيگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ قوللاپ ماسلىشىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى جەزمەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى مەزمۇن، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە قوشۇنلىرى باشلىقلار ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇداپىئە ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە قوشۇن رەھبەرلىرى يىغىنى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بولۇپمۇ ‹‹تىنچلىق بۇرچى›› يۈرۈشلۈك ھەربىي مانېۋىرى، ‹‹تىنچلىق بۇرغىسى›› ھەربىي ئوركېستىرلار بايرىمى قاتارلىق ھەربىي مەدەنىيەت كۇرسلىرىنى يارىتىپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. بىز بۇرۇنقىدەكلا رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىزمىتىنىڭ ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى قىلىمىز. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە مۇداپىئە ئىشلىرى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، تەشكىلات نىزامنامىسى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئورتاق تونۇشى بويىچە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا، مۇداپىئە ئىشلىرى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق پىلانلاپ، مۇداپىئە ئىشلىرى، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق سىستېمىسى ئورنىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رېئال تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا ماڭىدۇ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شاۋيىگۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىغا ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكچىلىكىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقى چوقۇم بۇ قېتىمقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى سەۋىيەگە يېتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتى ھەم رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.