تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا – كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقايلى دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرەيلى

  شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

  ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا – كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقايلى دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرەيلى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى بىلەن يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا – كەنتلەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جېجياڭ ئۆلكىسى 15 يىل ئىزچىل تىرىشىپ، ‹‹1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش›› قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەن كۆپ قېتىم: يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى مەيلى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا بولسۇن، ياكى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردا بولسۇن ئوخشاشلا يولغا قويۇش كېرەك، ئەمما ئۆلچەمنى ئەھۋالغا قاراپ يۇقىرى، تۆۋەن بېكىتىشكە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەنىدىم. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى بىلەن يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹نەتىجە قۇرۇلۇشى››، ‹‹ئوبراز قۇرۇلۇشى›› قىلماي، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا – كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، دېھقانلارنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  جېجياڭ ئۆلكىسى 2003 – يىلى يولغا قويغان ‹‹1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش›› قۇرۇلۇشى جېجياڭنىڭ يېزا – كەنت قىياپىتى، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى جەمئىي 27 مىڭ ئىشتاتلىق كەنتتە كەنتلەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، بۇ پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئىشتاتلىق كەنت ئومۇمىي سانىنىڭ %97ىنى ئىگىلەيدۇ؛ %74 دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھاجەتخانا، ئاشخانىلىرىدىن چىققان پاسكىنا سۇنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى؛ تۇرمۇش ئەخلىتى مەركەزلىك يىغىلىدىغان، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئىشتاتلىق كەنت تولۇق قاپلاندى، %41 ئىشتاتلىق كەنتتە تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.