تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – شۇجىسى رائول كاستىرو بىلەن كۇبا دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دىياس كارنېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  لى كېچياڭ رەئىس دىياس كارنېلغا تەبرىكت ېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – شۇجىسى رائول كاستىرو بىلەن كۇبا دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دىياس كارنېلغا ئايرىم – ئايرىم تېلېگرامما ئەۋەتىپ، كۇبانىڭ 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇبا سەمىمىي ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىرداش ياخشى يولداش، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇزاق مۇددەت جاپالىق، قالتىس كۈرەشلەرنى قىلىش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو – كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى. ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۇبا تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. جۇڭگو كۇبا بىلەن داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو – كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىمەن، 1 – شۇجى رائول كاستىرو بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو – كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. رەئىس دىياس كارنېل بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋرگە خاس جۇڭگو – كۇبا دوستلۇقىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ يارىتىشنى خالايمەن.

   شۇ كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، رەئىس دىياس كارنېلنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ كۇبا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو – كۇبا مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.