تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقتا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭگو – تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا، تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا تېخىمۇ پۇختا سىياسىي ئاساس سېلىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ۋە ‹‹ئوتتۇرا كارىدور›› تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۆپەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ دوستانە ئەلرايى ئاساسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاھىدە تەسىرى ۋە رولى بار. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم رامكىسى ئىچىدە زور مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۈركىيە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ياقلىغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلغانلىقى، چوڭ – كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقى قاتارلىقلارغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ يۈكسىلىشى، گۈللىنىشىنى يەر شارى مۇقىملىقىنىڭ ئۇل تېشى دەپ قارايدۇ. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەرقايسى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ، ئىقتىساد – سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈركىيە ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› قاتارلىق تېررورچى كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ كۈچلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە نۆۋەتتىكى سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئىش قىلىشىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىنى، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەكىتلىدى.

  ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۈركىيە جۇڭگونىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم تەسىرىگە يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.