تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

  (2018–يىلى 4–ئاينىڭ 13–كۈنى )

  شى جىنپىڭ

  خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار:

  بۇ يىل ئېلىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. بۈگۈن، بىزنىڭ بۇ يەردە تەنتەنىلىك يىغىلىپ، خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىشىمىزدىكى مەقسەت ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى پەللىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

  ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش ــــ پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان زور تەدبىرى. 1978 – يىلى 12 – ئايدا، پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا بۇراش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي قارار چىقىرىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىنى باشلاشقا سەپەرۋەر قىلىندى. بۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ، شيامېندىن ئىبارەت تۆت ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى تەسىس قىلىشنى قارار قىلىپ، ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەكلىك ۋە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1984 – يىلى شېنجېن، جۇخەي، شيامېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ‹‹بىز يەنە خەينەن ئارىلىنى ئېچىشىمىز كېرەك، ئەگەر خەينەن ئارىلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۇچقاندەك راۋاجلاندۇرالىساق، ئۇ ئەڭ چوڭ غەلىبە ھېسابلىنىدۇ››. 1987 – يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ چەل ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ‹‹بىز تېخىمۇ چوڭ بىر ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىۋاتىمىز، ئۇ دەل خەينەن ئارىلى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى. خەينەن ئارىلى بىلەن تەيۋەننىڭ يەر كۆلىمى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ››، ‹‹خەينەن ئارىلى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، قالتىس ئىش بولغان بولىدۇ››. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 1988 – يىلى 4 – ئايدا، 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇش رەسمىي تەستىقلىنىپ، خەينەن ئارىلى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ بېكىتىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خەينەندىن ئىبارەت ۋەتىنىمىزدىكى بۇ گۈزەل ئارال مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  30 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە چەكلىمىسىنى دادىل بۇزۇپ تاشلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 1987 – يىلى خەينەن رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئارانلا 5 مىليارد 728 مىليون يۈەن ئىدى، يەرلىك مالىيە كىرىمى 300 مىليون يۈەنگە يەتمەيتتى. 2017 – يىلى، خەينەن رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 446 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7179 دوللارغا، يەرلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 67 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، يەرلىك مالىيە كىرىمى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 21.8، 14.3، 226.8 ھەسسە ئاشتى، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىكى، يېڭى تىپتىكى سانائەت ناھايىتى تېز ئۆسۈپ يېتىلدى، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇچىلىق، ئالاقە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ‹‹يىرىك پىلانلارنى بىرىكتۈرۈش›› ئىسلاھاتى، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئاۋىياتسىيە ھوقۇقىنى ئېچىۋېتىش جەھەتلەردە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىقى مىسلىسىز كېڭىيىپ، 18 نۆۋەتلىك بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن ئېكولوگىيەسى ياخشى ئۆلكە قۇرۇپ، ئاتموسفېرا ۋە سۇ كۆلىمى سۈپىتى جەھەتتە ئالدىنقى سەۋىيەنى ساقلىدى. خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار تېز راۋاجلاندى، شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. 30 يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق خەينەن چەت – ياقىدىكى ئارالدىن تەرەققىي قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلاندى.

  خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ، شيامېن، خەينەندىن ئىبارەت بەش ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بۇرچىنى ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى جەريانىدا باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك سەلتەنەتلىك سەھىپىنى پۈتۈپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەريانىدا ‹‹تەجرىبە ئېتىزى››لىق رولىنى، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە مۇھىم ‹‹كۆزنەك››لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشتى.

  ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئىنچىكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بارلىق قۇرغۇچىلارنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قەيسەرانە ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە جاي – جايلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقى، ئومۇميۈزلۈك قاتناشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مۇشۇ پۇرسەتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، 9 مىليوندىن ئارتۇق خەينەن خەلقىنى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوندىكى بارلىق قۇرغۇچىلارنى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن دۆلىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى ھەر ساھە زاتلىرىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار!

  خەينەن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شەكىللەنگەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلققە بەختىيار تۇرمۇش يارىتىشتىكى مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى؛ مەيلى نېمىنى ئۆزگەرتەيلى، قايسى دەرىجىدە ئۆزگەرتەيلى، ھەممىسىدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلىشى، ئومۇمىيەتنى پىلانلىشى، سىياسەتنى بەلگىلىشىگە، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلىشى، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تاللاش ئىكەنلىكىنى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا چوڭ قەدەم تاشلاپ دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى داۋاملىق قۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، سەۋىيەلىك قۇرۇش كېرەكلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى؛ خەلقنىڭ ئىسلاھاتنىڭ سۇبيېكتى ئىكەنلىكىنى، ھەممىدە خەلقنى ئويلاش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىز بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا غەلىبىلىك يېتىشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ توغرا يولدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك.

  يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىس ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونغا يېڭى تارىخىي بۇرچ يۈكلىدى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا يېڭى يۆنىلىش تېپىپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك.

  ــــ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلىنىشى كېرەك. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون دۆلىتىمىزدىكى ئىشىكنى ئەڭ بالدۇر سىرتقا ئېچىۋەتكەن رايون، تاشقى ئىقتىساد ئالاقىسى ئەڭ جانلانغان رايون، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئوبرازىغا ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدىغان رايون. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەكلىك رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا ‹‹كىرگۈزۈش›› بىلەن ‹‹چىقىرىش››قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە سېلىنما ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپى، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە سېلىنما مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. خەلقئارا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، مەدەنىيەتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ــــ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تەجرىبە سۇپىسىغا ئايلىنىشى كېرەك. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم مېتودولوگىيەسى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت سىنىقى ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. ئالدىدا مېڭىش، ئالدىن سىناق قىلىش ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەسئۇلىيىتى بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن يول تېپىش ۋە يول ئېچىش مەقسەت قىلىنغان. باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يېڭى تەلىپى بويىچە، خەلقنىڭ يېڭى تەقەززاسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يول ئېچىش ۋە سىناشقا جۈرئەت قىلىدىغان، دادىللىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان ئالاھىدە رايون روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئالدى بىلەن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، دادىل ئىزدىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى كۆپەيتىشكە ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  ــــ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئاچقۇچىسىغا ئايلىنىشى كېرەك. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى مول خام ماتېرىيال ۋە جانلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا يەنىلا نۇرغۇن چوڭ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ۋە ئۇلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە، نۇرغۇن يېڭى ساھەدە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر، ئىسلاھات نۇرغۇن ساھەدە ‹‹ئادەمسىز رايون››غا بۆسۈپ كىردى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مۈشكۈلاتلارغا ئامال قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي بىلىم ئۆگىنىپ، ئىزدىنىش داۋامىدا قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى بىلىملەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى لايىھەلەرنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

  ــــ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىگە ئايلىنىشى كېرەك. قۇرۇق گەپ دۆلەتنى خارابلاشتۇرىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئەلنى گۈللەندۈرىدۇ. ھەقىقىي چىڭ تۇتقاندىلا، قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان ئېتىقادىنى، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەپ، داۋان ئېشىشتىكى بېسىم تۇيغۇسى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىنتىلىدىغان مۇھىتنى پائال يارىتىپ، ئەمەلىيەتچىللىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيەتچىللىق بىلەن يېڭىلاپ، ئەمەلىيەتچىللىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنى قوللاپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە مەدەت بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۆتۈرەڭگۈ ھالەت بىلەن توختاتماي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار!

  خەينەن ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆزگىچە، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىسبەتەن مۇستەقىل بولغان جۇغراپىيەلىك بىرلىك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبە ئېتىزى بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. خەينەن ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ۋە مۇھىم رولغا ئىگە.

  ئادەم 30 ياشتا قىرانلىققا يېتىپ، كۈچ – قۇدرەتكە تولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغاندىن باشلاپ، خەينەن ئارىلىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەتئىي نىيىتىگە كەلگەن. خەينەن ئارىلى ياخشى تەرەققىي قىلسا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

  خەينەن يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەسەۋۋۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىپ ۋە يارىتىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈلگىسىگە تىرىشىپ ئايلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بۇ، خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىزدىكى ئەڭ ياخشى شەكىل، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىزدىكى زور تەدبىر.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى زور بولۇپ، يېقىندا ‹‹خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى زور مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى يۈكلىدى، شۇنداقلا خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى. بۇ، خەينەننىڭ تەرەققىياتى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يېڭى، زور تارىخىي پۇرسەتتۇر.

  خەينەندىكى بارلىق كادىرلار، ئامما پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۈرەكلىك ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەجرىبە رايونى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەجرىبە رايونى، خەلقئارا ساياھەت ئىستېمال مەركىزى، دۆلەت زور ئىستراتېگىيە مۇلازىمەت كاپالەت رايونىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ جانلىق ئۈلگىسىنى تىرىشىپ يارىتىپ، خەينەننى جۇڭگونىڭ سالاپىتى، جۇڭگونىڭ سۈپىتى، جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

   بىرىنچىدىن، خەينەن ئېچىۋېتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار ۋە كاپىتال ئوبوروتى، پەن – تېخنىكا ۋە مەدەنىيلىكنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ماس كېلىدۇ. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا نۇرغۇن مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كەمچىل، ئېشىشنىڭ پارچىلىنىش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشمەكتە. دۇنيانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاددىي قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىغا ئارتىپ قويساق، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتا قورۇقچىلىق قىلساق، دۇنيا ئىقتىسادىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېگانە، كونا جەمئىيەتكە قايتۇرماقچى بولساق دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشالماي قالىمىز. بارلىق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، بارلىق رىقابەتكە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش توغرا تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

  مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەنىدىم. بۇ، بىزنىڭ دۇنياغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۇنيا سودا قائىدىسى سىستېمىسىغا ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىنى ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنىڭ پايدىلىق تەرىپىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  بۇ يەردە مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق جاكارلايمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن خەينەن ئارىلىدا ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قۇرۇشنى قوللاپ، خەينەننىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش توغرىسىدا تەدرىجىي ئىزدىنىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى ۋە تۈزۈلمە سىستېمىسىنى باسقۇچقا، قەدەمگە بۆلۈپ قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىرتۇتاش مۇلاھىزە قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ چىقارغان زور تەدبىرى، ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشتىكى زور تەدبىرى.

  پۈتۈن خەينەن ئارىلىدا ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قۇرۇشتا تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، ئىسلاھاتتا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، خەينەننىڭ يۈرەكلىك ھالدا سىناپ كۆرۈشى، يۈرەكلىك ھالدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشى، ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتى ۋە ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بازار مۇھىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تاشقى مەبلەغكە قارىتا ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق، داۋالاش، مائارىپ، تەنتەربىيە، تېلېگراف، ئالاقە تورى، مەدەنىيەت، پەرۋىش قىلىش ۋە رېمونت قىلىش، پۇل مۇئامىلە، سۇ تىرانسپورتى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، سۇ تىرانسپورتىنىڭ تەدرىجىي ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەركىن سودا پورتى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش شەكلى. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشتا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىشى، خەينەننىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ماس كېلىشى، خەلقئارا ئەركىن سودا پورتىنىڭ ئىلغار تىجارەت ئۇسۇلى، باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئۆگىنىشى، ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەينەنگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

  خەينەن تەرەققىياتتا ئۆتەڭ سودىسى ۋە پىششىقلاش، ياساشنى مۇھىم نۇقتا قىلسا بولمايدۇ، ئەكسىچە ساياھەت كەسپى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى يېتەكچى قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئارقىلىق تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىچكى – تاشقى سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش، چېگرادىن كىرىپ – چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ جانلىق سىياسەت سىستېمىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تىجارەت مۇھىتى تېخىمۇ ئەلا، تەسىرچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىشى كېرەك.

  خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى مەدەنىيىتى، مائارىپى، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىكى قاتارلىق ئالاقە سۇپىسىنى قۇرۇپ، 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىدا تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم تاشلىشى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، خەينەن ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. نۆۋەتتە ئىسلاھات يەنە بىر يېڭى تارىخىي پەيتكە كەلدى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، قىيىنلىق دەرىجىسى 40 يىل ئىلگىرىكىدىن قېلىشمايدۇ. كونا قائىدە – يوسۇنلارغا ئېسىلىۋالغاندا چىقىش يولى بولمايدۇ، ئارىسالدى بولۇپ توختاپ قالغاندا ياخشى پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش جەريانىدۇر. ئىدىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئازاد بولمىغاندا ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك بۆسۈش بولمايدۇ. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش دۆلەت ئەھۋالىدىن يىراقلاپ كېتىدىغان خام خىيال ئەمەس ھەم دەرۋازىغا قارىماي ھارۋا ياسايدىغان سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرمۇ ئەمەس، شۇنداقلا خالىغانچە قارىسىغا ئىش قىلىشمۇ ئەمەس. ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ مەقسىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئىشلاردا دۆلەت ئەھۋالى، ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ ھەم چەت ئەلنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دادىل ئىزدىنىپ ۋە ئەستايىدىل بولۇپ، دادىل بۆسۈش قىلىپ ۋە دادىل ئىشلەپ، دادىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆرنەك ئېلىپ ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات قەدىمىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار، ئامما رازى بولمايۋاتقان جايلارنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، قاتتىقلىرىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمىدىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەشتە قىيىن ئىشلارنى تاماملاشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق توپلاشنى كۈچەيتىپ، ھەر جەھەتتىكى بايلىقلارنى ئىلمىي تەقسىملەپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە – مېخانىزمى، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمىسى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى، دۆلەت كارخانىسى جەھەتتىكى ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەينەننىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە، دېڭىز قاتنىشى، كۆپ مىقدارلىق تاۋار، مۈلۈك ھوقۇقى، پاي ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى قاتارلىق سودا ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ پىشقان، تېخىمۇ مۇئەييەن تۈزۈلمە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت. خەينەن پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي بايلىقنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭىچە ئىزدىنىشى كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، خەينەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مەملىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى. تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ئىش، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك. خەينەن تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى توپلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاقە تورى، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن بولغان چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەينەننىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ نەنفەن پەن تەتقىقات سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى(خەينەن) قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىك پەن مەركىزىنى بەرپا قىلىپ، خەينەننىڭ دۇنياۋى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ئىرسىيەت بايلىقىنى كىرگۈزۈش ترانزىت بازىسى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. دۆلەت خەينەننىڭ بىر تۈركۈم زور پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەسى ۋە شارائىت سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە ئالاقىدار زور پەن – تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى ۋە دۆلەت چوڭقۇر دېڭىز بازىسى جەنۇب مەركىزىنى قۇرۇپ، بوشلۇق پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ. پەن – تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەن تەتقىقات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، خەينەن خەلقئارالىق چەت ئەللىكلەر يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش كېرەك.

  زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ، خەينەننىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، خەينەن بۇ جەھەتتە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. خەلقئارا ئۆلچەمنى كۆزلەپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ قۇرۇلمىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىك، ئالاقە تورى، داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش، پۇل مۇئامىلە، كۆرگەزمە قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەتچىلىكنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتچان ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  خەلقئارا ساياھەت ئارىلى خەينەننىڭ مۇھىم ئىسىم كارتىسى. خەينەننىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە خەلقئارا ساياھەت ئىستېمال مەركىزى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنىڭ خەينەندىكى كونكرېت ئىپادىسى. بىر تۈركۈم چوڭ – چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەينەندىن دۇنيادىكى ئاساسلىق خېرىدار مەنبەسىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىش، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇق ۋە قولاي بولغان باج كەچۈرۈم قىلىنغان مال سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خەينەنگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باج كەچۈرۈم قىلىنغان مال سېتىۋېلىش نورمىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەينەننىڭ خەلقئارا ئەلا سۈپەتلىك كاپىتال ۋە ئەقلىي بايلىقنى پائال كىرگۈزۈشىنى قوللاپ، خەلقئارالىق ئىلغار قاراش ئارقىلىق ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىش كېرەك. خەينەندە رويخەتكە ئېلىنغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ تەيۋەن رايونىدىن باشقا چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇش كېرەك. ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنى تېخىمۇ قولاي، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، خەينەننىڭ خەلقئارا ساياھەت ئارىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىسىم كارتىسىنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈش، ئوبرازىنى تېخىمۇ يورۇتۇش كېرەك.

  خەينەن ئېلىمىزنىڭ بىردىنبىر ئىسسىق بەلباغ ئۆلكىسى. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىسسىق بەلباغ رايونىنىڭ كىلىمات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسسىق بەلباغنىڭ ئۆزگىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى زورايتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىسسىق بەلباغ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك بازىسى، ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىك كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش كېرەك. يېزا ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسسىق بەلباغ مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدىغان ئېسىل كىچىك بازارلارنى قۇرۇش كېرەك.

  ئېلىمىز دېڭىز – ئوكيان چوڭ دۆلىتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېڭىز – ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەينەن دېڭىز – ئوكيان چوڭ ئۆلكىسى، ئىنسانلار بىلەن دېڭىزنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىدەك تەرەققىيات يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، دېڭىز – ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە دېڭىز – ئوكيان كەسپىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەينەننىڭ زامانىۋىلاشقان دېڭىز – ئوكيان بېلىقچىلىق مەيدانى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم تىپىگە ئۆزگىرىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېڭىز – ئوكيان پەن – تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىز پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئەقىل – پاراسەتكە تولغان دېڭىز– ئوكيان›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەينەننى دېڭىز – ئوكيان كۈچلۈك ئۆلكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دۆلەت ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇپ، دېڭىز – ئوكيان ئېچىش ۋە دېڭىز ھوقۇقىنى قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كېڭىشىش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئورتاق گۈللەندۈرۈش، ئەسلىھە ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇش، ئارقا سەپ تەمىناتى ئارقىلىق ئورتاق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەينەننىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش مۇلازىمەت كاپالىتى بازىسى ۋە دېڭىز قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ۋەتەننىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، خەينەن تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا باشلامچى بولۇشى كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تەرەققىياتى ۋە ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق دەل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق دەل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق. خەينەن قەدىمدىن تارتىپ بىلىملىك ئەدىبلەر تەرىپىدىن تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆك دەپ تەرىپلەنگەن. خەينەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تەبىئەت ئاتا قىلغان قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، خەينەننى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۆت پەسىللىك باغچىسىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەننىڭ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەجرىبە رايونى قۇرۇشىنى قوللاشنى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈدىغان تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تەجرىبىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىشنى قارار قىلدى. ئەڭ كەسكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىرلىككە كەلگەن پىلان باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئورنىتىش كېرەك. دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمە سىناق نۇقتىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى قاتارلىق دۆلەت باغچىلىرىنى قۇرۇپ، تەۋەلىكى، ھوقۇق – مەسئۇلىيىتى ئېنىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك بولغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان يەر سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلغان تەكشۈرۈش – باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىللىك، نەتىجە، ئۈنۈم يېتەكچى قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قاتتىق قوغداپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز بىرتۇتاش پىلانلانغان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتىكى رايون ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى تەسىس قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

   بەشىنچىدىن، خەينەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تونۇش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدىكى ھەر قېتىملىق بۆسۈشى ۋە چوڭقۇرلىشىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى ھەر بىر شەيئىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھەر بىر ساھەسى ۋە ھالقىسىدىكى تەجرىبىلەرنىڭ يارىتىلىشى ۋە جۇغلىنىشى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن. خەلقنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بولمايدىكەن، ھەر قانداق ئىسلاھاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. خەلقنىڭ ئىرادىسىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، كەڭ دائىرىلىك تونۇشنى شەكىللەندۈرگەندىلا خەلق ئىسلاھاتنى پائال قوللاپ، ئىسلاھاتقا بەس – بەستە ئاتلىنىدۇ. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجاد قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلققە زىچ تايىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلغان، ئىنكاس كۈچلۈك بولغان، تەكرار ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى تېپىپ چىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ چىقىش كېرەك. خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى چامىنىڭ يېتىشىچە، ئامالنىڭ بارىچە كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىگە، يېزىلارنى قاپلىشىغا، قىيىنچىلىقى بارلارغا مايىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بولىدىغان رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  كەسىپ ئىختىساسلىقلارغا بېقىپ گۈللىنىدۇ، ئىختىساسلىقلار كەسىپكە بېقىپ جۇغلىنىدۇ. خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، تەرەپ – تەرەپتىن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك. خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغان، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ‹‹يۈز مىڭلىغان ئىختىساسلىقلار دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈش››تەك ئۇلۇغ باشلىنىش بولغان. ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى مۇھىتى ياخشى تۈزۈلمە – مېخانىزمدۇر. خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئىلغار پەن تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، مەملىكەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ خەينەندە شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلىشى، شۇنداقلا خەينەننىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، خەينەننىڭ خەلقئارالىق ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، چەت ئەللىك ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدىكى تېخنىكا ماھارەت خادىملىرىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە خەينەندە ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەينەندە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە رۇخسەت قىلىپ، خەينەندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. خەينەننىڭ چەت ئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا ئائىت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشىنى قوللاش كېرەك. خەينەن جاي – جايلاردىن كەڭ دائىرىدە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ ئىجابىي، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەرخىل ئىختىساسلىقلارنى خەينەندە ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، خەينەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئاچقۇچى ۋە نېگىزى. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش جەھەتتىكى تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، مەسىلىنى ئويلاپ، ئىش بېجىرىپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە دادىللىق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سىياسىينى تەكىتلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، قائىدىگە ئەمەل قىلىش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىش، بىلىم قارىشىنى يېڭىلاش، ھەقىقىي ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسىلىشىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا ناچار كەيپىياتنىڭ پارتىيە ئىچى تۇرمۇشىنى چىرىتىشىنى توسۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى يارىتىش كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىنى چىقىش قىلىپ، خەينەن ئۆلكىسى بىلەن بىرلىشىپ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدى بىلەن پىلانلاپ، ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قوللاش تەدبىرلىرىنى پائال تەتقىق قىلىپ ۋە تۈزۈپ چىقىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار !

  تارىخ كونا ئەنئەنىلەرگە ئېسىلىۋالىدىغان، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىدىغانلارغا نەزەرىنى سالمايدۇ، پۇرسەت دادىللىق بىلەن يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا ۋە مەڭگۈ توختىماي ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ. بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. ئىلگىرىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئەقىل – پاراسىتى، غەيرىتى ۋە قان – تەرى بىلەن شانلىق سەھىپىنى ئاچتى. بۈگۈن، خەينەندىكى بارلىق كادىرلار، ئامما ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ‹‹تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى شەرت ئەمەس›› دېگەن مەنىۋى مەنزىل ۋە ‹‹تۆھپە يارىتىشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم شەرت›› دېگەن تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكىلەر ئالدىنقىلارغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تىرىشىپ دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.