تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلايلى

  ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا(3)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  دۇنيانى تىنچ ۋە خاتىرجەم، تۇرمۇشنى بەختلىك ۋە گۈزەل قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  ‹‹مەن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن››. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئەتراپلىق ۋە كەڭ نەزەر دائىرىسى ھەم تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى دادىللىق بىلەن تولۇق نامايان قىلىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچ ئاتا قىلدى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  ‹‹مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنيادا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا قاراپ ماڭىدۇ؟ ئاسىيانىڭ ئىستىقبالى قەيەردە؟›› رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹دەۋرنىڭ سوئالى›› ــــ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ يەنىلا ناھايىتى كۆپلىكىدەك، يەرشارىلىشىشقا قارشى يۈزلىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتتە ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تاللاش ۋە خىرىستىن چوڭقۇر بېشارەت بەردى. مۇشۇنداق پەيتتە، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنىۋېلىش كېرەكمۇ، ئىلگىرىلەش كېرەكمۇ ياكى چېكىنىش كېرەكمۇ، دېگەن سوئالغا ئىنسانىيەت چوقۇم جاۋاب بېرىشى كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش دەۋر ئېقىمىدا پەقەت تارىخنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلغاندىلا، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ بەختلىك ۋە گۈزەل بولىدۇ.

  بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيانى قانداق بەرپا قىلىمىز؟ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرىنى ئىگىلەپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹كەلگۈسىگە يۈزلىنىش›› توغرىسىدىكى بەش تەشەببۇسى ‹‹دەۋرنىڭ سوئالى››نى يېشىشتىكى ئاچقۇچ، بىرلىكتە ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ يولى. ئالەمدە بىرلا يەرشارى بار، ئىنسانىيەتنىڭ بىرلا ئورتاق يۇرت – ماكانى بار. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، سۆھبەتلىشىش، لېكىن قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش، لېكىن ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتىن ئىبارەت دۆلەتلەر ئالاقىسى يېڭى يولىدا ماڭغاندىلا ئۇزاققىچە تىنچ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ سۆھبەتلىشىپ، كېڭىشىپ، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، ئوخشىمىغان خەۋپسىزلىك مېخانىزمى ئارىسىدا ماس، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلاشقاندىلا ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىكنى ھەم ئورتاق بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، ئېچىۋېتىپ يۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغاندىلا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ئوخشاش بولمىغان مەزمۇن، ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ، ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكنى تولۇقلاپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىگەندىلا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆۋرۈك، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى تۈگۈن قىلغىلى بولىدۇ؛ تەبىئەتنى قوغداپ، يەرشارىنى قەدىرلەپ ۋە قىزغىن سۆيۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىنى ئۈزلۈكسىز ئاچقاندىلا، ئەۋلادلىرىمىزغا كۆك ئاسمان، يېشىل دېڭىز، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ قالدۇرغىلى بولىدۇ.

  ‹‹توپا يىغىلسا تاغ، سۇ يىغىلسا دېڭىز بولىدۇ››. بەختىيار ۋە گۈزەل كەلگۈسى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت باتۇرلۇق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئىلگىرىلىگەنلەرگە مەنسۇپ. بىرلىكتە ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچ دەل رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو لايىھەسى بويىچە، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشتۇر. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئۇقۇمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇلۇش باشلانغان بەش يىلدىن بۇيان، 80 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، جۇڭگو دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى، دوستانە بىللە ياشاش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەزمۇنىنى شەرھلەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى بىرلىكتە قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلسىلا جەزمەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى كېمىسىنى تېخىمۇ كەڭ دېڭىزغا قاراپ ھەيدىگىلى بولىدۇ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  ‹‹ئۆگىنىشكە قابىللار قائىدە چۈشىنىشكە ماھىر، ئەمەلىيەتكە قابىللار قىيىنچىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ماھىر››. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلىشنى بىر كۈچەپلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، يەنە ئۇنداق ياكى بۇنداق قىيىنچىلىققا ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىشىمىز مۇقەررەر. لېكىن ئىش قانچە قىيىن بولغانسېرى ئىرادە شۇنچە كۈچىيىدۇ، جان – دىل بىلەن ئىشلىگەندىلا ئۇنىڭ قىممىتى نامايان بولىدۇ. بىز دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق ياراتساقلا چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەلپۈنىدىغان گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.