تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، گۈللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلايلى

  ــــ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018–يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى

  (2018–يىلى 4– ئاينىڭ 10– كۈنى، خەينەن بوئاۋ)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھۆرمەتلىك مىنىستىرلار، بوئاۋ مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى كېڭەش ئەزالىرى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى، ئەزىز مېھمانلار، خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

  4 – ئايدىكى خەينەننىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن، ھاۋا ئىللىپ مەيىن شامال چىقىپ تۇرۇۋاتقان بۇ گۈزەل پەسلىدە، ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى. خەينەننىڭ ‹‹پات – پات كۆرۈشۈپ تۇرساقمۇ، يەنە كۆرۈشكىمىز كېلىپ تۇرىدۇ›› دېگەن خەلق ناخشىسى بار. بۈگۈن مۇشۇنداق بىر پۇرسەتتە ھەر قايسى يېڭى، كونا دوستلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  ئالدى بىلەن مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ھەم ئۆز نامىمدىن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن! يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

   بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەۋقەنى ئاسىياغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن مول، قىممەتلىك ‹‹بوئاۋ لايىھەسى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجابىي تۆھپە قوشتى. بۇ يىل مۇنبەر كېڭىشىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش يىلى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پات ئارىدا ۋەزىپىدىن ئايرىلىدىغان ھەر قايسى كېڭەش ئەزالىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! يېڭىدىن سايلىنىدىغان ھەر قايسى كېڭەش ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى ‹‹ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا›› بولۇپ، بۇ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر ساھە ئەربابلارنىڭ كەڭ – كۇشادە سۆزلىشىپ، توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  تارىخ ھامان بەزى ئالاھىدە يىللاردا كىشىلەرگە ئەقىل – پاراسەت، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ ئاتا قىلىپ كەلدى. 2018 – يىلى جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. خەينەن ئۆلكىسىنى ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قۇرۇلغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە گۈللەنگەن›› دېيىشكە بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەينەن نىسبەتەن بېكىنمە، ئارقىدا قالغان چەت ياقىدىكى ئارالدىن تەرەققىي قىلىپ جۇڭگودىكى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئېتىدۇ، بىر جاي بىر دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلالايدۇ. خەينەننىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم تارىخىي گۇۋاھچىسى.

  1978 – يىلى دېڭ شياۋپىڭ ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى بەلگە قىلىنىپ، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي مۇساپىسى باشلاندى. يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن ئومۇملاشتۇرۇشقىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، جۇڭگو خەلقى بۇ 40 يىلدا ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇلۇغ داستانلارنى يازدى.

  ـــ 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى باشتىن – ئاخىر جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئازاد قىلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. جۇڭگو خەلقى پۈتۈن زېھنىنى قۇرۇلۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بەلنى چىڭ باغلاپ، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1 – چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1 – چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، 1 – چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلاندى. 40 يىلدىن بۇيان، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى تەخمىنەن %9.5 بولدى؛ دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا سوممىسى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14.5 ئاشتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى يېتىشمەسلىكتىن يېتەرلىك بولۇشقا، نامراتلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ يۈزلەندى، ھازىرقى ب د ت ئۆلچىمىدىكى 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدە دۇنيا بويىچە ئازايغان نامرات نوپۇس ئومۇمىي سانىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

  ــــ 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى باشتىن – ئاخىر توختىماي ئىزدىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچتى. جۇڭگو خەلقى دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە ئىگە بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشكە ئەھمىيەت بەردى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى، ‹‹ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش›› بىلەن بىللە، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتتى، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئاچتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى دۇنيا ئەھلىگە زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىدىغان يولنىڭ پەقەت بىرلا ئەمەسلىكىنى، توغرا يۆنىلىشنى تېپىپ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندىلا زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ــــ40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى باشتىن – ئاخىر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، توختىماي ئالغا بېسىپ، جۇڭگو كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو خەلقى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى، قاراشتا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىشنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو خەلقى دادىل ھالدا ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئۆزىنى يېڭىلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم نۇقسانلىرىنى تۈگىتىپ، تۈزۈم كاپالىتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو خەلقى يول ئېچىشقا ۋە سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل باشلامچى بولدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى مىسلىسىز يۇقىرى بولۇپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ خوجايىنى ۋە ھەقىقىي قەھرىمان سۈپىتىدە تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ــــ 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى باشتىن – ئاخىر كەڭ قورساق بولۇپ، دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، ئاكتىپ ھالدا جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىدىكى ئۇلۇغ مۇساپە. جۇڭگو خەلقى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە ئۆتىدىغان ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى، كىرگۈزۈشتىن چىقىرىشقىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشقىچە زور تۆھپىلەرنى قوشتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى ئۇدا كۆپ يىل %30تىن ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۈگۈن، جۇڭگو خەلقى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق دېيەلەيدۇكى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت 2 – قېتىملىق ئىنقىلابى جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى!

  ‹‹تەبىئەتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بار››، ‹‹توغرا ئىجتىمائىي، سىياسىي تەدبىر ئارقىلىق ئۇنىڭغا ماسلاشقاندىلا، بەخت – سائادەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ››. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش تارىخىي تەلىپىگە ماسلاشتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتى. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇقەررەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، شۇنداقلا جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ!جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى كىشىلەرنى نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى شۇكى، بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللىنىمىز دەيدىكەن، چوقۇم تارىخنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  دۇنياغا نەزەر سالساق، بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشەشكە دۇچ كەلمەكتە، ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار ھېلىھەم ناھايىتى كۆپ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت، شۇنداقلا مىسلىسىز خىرىس ئېلىپ كەلدى. بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلق يەنىلا ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، ياشانغانلار، ئاياللار، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى يەنىلا ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىقتا قىينىلىۋاتىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىقلار يەنىلا ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ خىرىستۇر. ئېچىۋېتىش ياكى بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇش، ئىلگىرىلەش ياكى چېكىنىش ــــ ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تاللاشتۇر.

  مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنيادا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا قاراپ ماڭىدۇ؟ ئاسىيانىڭ ئىستىقبالى قەيەردە؟ مېنىڭچە، دەۋرنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بىز قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك.

  بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچ ھەمكارلىشىش ئېقىمى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىغا ئايلاندى، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق تاقابىللىق بارغانسېرى كونىراپ سەپتىن چۈشۈپ قالدى، ئۆزىنى چوڭ بىلگەنلەر ياكى ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمايدىغانلار ھەممىلا يەردە دەككىسىنى يەيدۇ. تىنچ تەرەققىي قىلىش، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئورتاق نەپ ئېلىش، كۆپ نەپ ئېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  بۈگۈنكى دۇنيادا ئېچىۋېتىپ يۈرۈشتۈرۈش ئېقىمى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىزگە ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەشنى ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك ئارقىدا قالدۇرىدۇ، دېگەننى بىلدۈردى. دۇنيا ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولغان دۇنيا كەنتىگە ئايلاندى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۈنسېرى ئۆزئارا باغلاندى، ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتتى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ قالدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ئېقىمى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ــــ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. كىم ئۆزگىرىشنى چەتكە قاقسا، كىم يېڭىلىق يارىتىشنى رەت قىلسا، شۇ، دەۋرنىڭ ئارقىدا قالىدۇ، شۇ، تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ.

   مەن تارىخىي ئېقىمغا ماسلىشىش، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت – سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ھەم ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن كۆپ قېتىم چوڭقۇر پىكىرلەشتىم. شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆرۈپ يەتتىمكى، بۇ تەشەببۇس بارغانسېرى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ھەم ب د ت نىڭ مۇھىم ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى. مەن ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زور ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، سۆھبەتلىشىش، لېكىن قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش، لېكىن ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتىن ئىبارەت دۆلەتلەر ئالاقىسى يېڭى يولىدا مېڭىپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلىماسلىق، سەن ئۇتتۇردۇڭ، مەن يەڭدىم دەيدىغان نۆل يىغىندىلىق ئويۇننى ئوينىماسلىق، قوشنىسىغا ئورا كولىماسلىق، كۈچلۈكلەرگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلماسلىق، زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئۇزاققىچە تىنچ تۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ــــ كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز سۆھبەتلىشىپ، كېڭىشىپ، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، ئورتاقلىقتا، ئەتراپلىق بولۇشتا، ھەمكارلىشىشتا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ب د ت ئاساسىي نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، ئەنئەنىۋى ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان خەۋپسىزلىك مېخانىزمى ئارىسىدىكى ماس بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تەرەپتىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بىر تەرەپتىن مۇناسىۋەتنى بۇزۇشقا خاتىمە بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك ھەم ئورتاق بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ــــ كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئېچىۋېتىپ يۈرۈشتۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىن، قولايلىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، بىرلىكتە يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ساھە، يېڭى ئەندىزە يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ـــ كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز ئوخشاش بولمىغان مەزمۇن، ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ، ئىناق ئۆتۈپ، لېكىن خالىغانچە ئەگىشىپ كەتمەي، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، ياشلار، تاراتقۇ، سەھىيە، نامراتلىقنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆۋرۈك، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى تۈگۈن قىلىشىمىز كېرەك.

  ــــ كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، بىز تەبىئەتنى قوغداپ، يەر شارىنى قىزغىن سۆيۈپ، يېشىل بولۇش، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەبىئەت ئېكولوگىيەسىگە ھۆرمەت قىلىپ، بويسۇنۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئاتموسفېرا ئۆزگىرىشى، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ئەۋلادلىرىمىزغا كۆك ئاسمان، يېشىل دېڭىز، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ قالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  بۇلتۇر 10 – ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى جاكارلاپ، ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى.

  بىر دەۋرنىڭ شۇ دەۋرگە خاس مەسىلىسى بولىدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بۇرچى بولىدۇ. بىز مىڭبىر مۈشكۈلاتلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولساقمۇ، يەنە داۋاملىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭمىسەك بولمايدۇ. يېڭى دەۋردە، جۇڭگو خەلقى داۋاملىق بوشاشماي ئىلگىرىلەپ، ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلاپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تاغنى تالقان، باغنى بوستان قىلىپ، جاھىل ئۆسمىنى ئېلىپ تاشلاپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى داۋاملىق دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو خەلقى ئىسلاھاتنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن يولغا قويىدۇ، كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئىچى – سىرتى ھەمتۈرتكىسى، شۇنىڭدەك شەرق ۋە غەرب قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى سودا ۋە سېلىنمىنى تېخىمۇ ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. جۇڭگو خەلقى داۋاملىق دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇشنى قەتئىي قوللاپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال قاتنىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، ھەرگىز باشقىلارغا تەھدىت سالمايدۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا سىستېمىنى بۇزمايدۇ، كۈچ دائىرىسى شەكىللەندۈرۈشنى كۆزلىمەيدۇ. جۇڭگو باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولىدۇ.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە ئەتراپلىق ھۆكۈم قىلساق، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىدۇر. دەل مۇشۇنداق ھۆكۈم ئاساسىدا، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹جۇڭگو ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ›› دەپ تەكىتلىدىم. كۆپچىلىككە شۇنى ئېنىق دېمەكچىمەنكى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى يېپىلىپ قالمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ!

   ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن 40 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ چوقۇم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە، جۇڭگو تۆۋەندىكىدەك زور تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ:

  بىرىنچى، بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىدۇ. بىز بۇ يىل بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قانچە تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. مۇلازىمەت كەسپى، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە جەھەتتە بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلغان بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تاشقى مەبلەغ پاي نىسبىتى چەكلىمىسىنى كېڭەيتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇغۇرتا كەسپىنى ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تاشقى مەبلەغ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تەسىس قىلىش چەكلىمىسىنى بوشاشتۇرۇپ، چەت ئەل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ جۇڭگودىكى كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو، چەت ئەل پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىمىز. ياسىمىچىلىق جەھەتتە، ھازىر ئېچىۋېتىش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاساسلىقى ئاپتوموبىل، پاراخوت، ئايروپىلان ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئاز ساندىكى كەسىپلەرگە قويۇلغان چەكلىمىلا ساقلىنىپ قالدى، ھازىر، بۇ كەسىپلەر ئېچىۋېتىش ئاساسىنى ھازىرلاپ بولدى، كېيىنكى قەدەمدە تاشقى مەبلەغ پاي نىسبىتى چەكلىمىسى، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تاشقى مەبلەغ چەكلىمىسىنى تېزدىن بوشاشتۇرىمىز.

  ئىككىنچى، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە سېلىنما مۇھىتى يارىتىدۇ. سېلىنما مۇھىتى ھاۋاغا ئوخشايدۇ، ھاۋا ساپ بولغاندىلا تېخىمۇ كۆپ تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. ئىلگىرى، جۇڭگو تاشقى مەبلەغنى كىرگۈزۈشتە ئاساسلىقى ئېتىبار سىياسەتكە تايىناتتى، ھازىر سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز خەلقئارا ئىقتىساد – سودا قائىدىسى بىلەن جىپسىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، رىقابەتكە ئىلھام بېرىپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرىمىز. بۇ يىل 3 – ئايدا، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق يېڭى ئورگانلارنى قۇرۇپ، ھازىر بار بولغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى زور كۆلەمدە تەڭشەپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىغا، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم نۇقسانىنى قەتئىي تۈگەتتۇق. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتىلغان پاسسىپ تىزىملىككە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  ئۈچىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ. بۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ چوڭ مەدەت. بۇنىڭغا چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تەلىپى بار، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭمۇ تەلىپى بار. بىز بۇ يىل دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ، قانۇن ئىجراسى كۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار تۆلەيدىغان بەدەلنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، قانۇننىڭ چۆچۈتۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنى نورمال تېخنىكا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تۆتىنچى، ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىدۇ. ئىچكى ئېھتىياج جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جۇڭگو سودا ئوڭ پەرقىنى قوغلىشىشنى نىشان قىلماي، ئىمپورتنى كېڭەيتىشنى، دائىملىق تۈرلەرنىڭ كىرىم – چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. بىز بۇ يىل ئاپتوموبىللارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى مۇناسىپ كۆلەمدە تۆۋەنلىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا قىسمەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلقنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن خاس، ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ‹‹ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش كېلىشىمى››گە قوشۇلۇشنى تېزلىتىمىز. بىز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ نورمال مۇۋاپىق بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار سودىسىغا سۈنئىي ئۇسۇلدا چەكلىمە قويۇشىنى توختىتىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بوشاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ يىل 11 – ئايدا شاڭخەيدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىمىز. بۇ، ئادەتتىكى كۆرگەزمە بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ بازارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىشىمىزدىكى مۇھىم سىياسەت خىتابىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

   مېنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنىم شۇكى، مەن بايا ئېلان قىلغان ئېچىۋېتىشكە ئالاقىدار زور تەدبىرلەرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېچىكتۈرمەي، تېز تۇتۇش قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە خەلقىنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە خەلقلىرىنى ئېچىۋېتىش نەتىجىسىدىن بالدۇر مەنپەئەتلەندۈرىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگو پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، كاپىتال بازىرى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بازار مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك قوغدىلىدۇ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدە جەزمەن يېپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ.

  مەن بەش يىل ئىلگىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بەش يىلدىن بۇيان، 80دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ مەنبەسى جۇڭگو بولسىمۇ، بىراق پۇرسەت ۋە نەتىجە دۇنياغا مەنسۇپ، جۇڭگو جۇغراپىيەلىك قورشاۋ شاھمات ھېساباتى قىلمايدۇ، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان بېكىنمە چەمبەر شەكىللەندۈرمەيدۇ، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قويىدىغان زورلاپ ئېلىپ – سېتىشنى يولغا قويمايدۇ. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى يېپيېڭى شەيئى ھېسابلىنىدۇ، ھەمكارلىق جەريانىدا بەزى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ بولۇشى پۈتۈنلەي نورمال، ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلسىلا، جەزمەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش ئېقىمىغا ماسلاشقان ئەڭ كەڭ دائىرىلىك خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

  خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار!

  ‹‹توپا يىغىلسا تاغ، سۇ يىغىلسا دېڭىز بولىدۇ››. بەختىيار ۋە گۈزەل كەلگۈسى ئۆزى پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت باتۇرلۇق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ. ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتايلى!

  ئاخىرىدا، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  كۆپچىلىككە رەھمەت.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن بوئاۋ، 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.