تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئاقسۇ شەھىرى لەڭگەر كوچىسى چاۋياڭ مەھەللىسىدە ئاممىنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك سۆزى ۋە ئارزۇسىنى ئاڭلىماقتا.

  مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1 –، 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش كېرەك.

  باھار شامىلى جاھاننى ئىللىتتى، بارلىق مەۋجۇدات ئويغاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى جۇشقۇن كەيپىياتقا تولدى. چېن چۈەنگو ئاقسۇ شەھىرىنىڭ چوڭ تۆت كوچىسىدىكى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىغا كېلىپ، ساقچى پونكىتىنىڭ تېز بىر تەرەپ قىلىش، ساقچى پونكىتى بىلەن مەھەللە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، بىرىنچى سەپتىكى كادىر – ساقچىلارنى يوقلىدى. ساقچى پونكىتىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئامما قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممىدىن ئاۋۋال ساقچى پونكىتىغا كېلىدىغان بولدى، ئۇلار بىزنى چۈشەندى، بىزنى ئېتىراپ قىلدى، بىزگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى، بايراملاردا بىزگە ئىسسىق تۈگرە ۋە پولۇ ئەكىلىپ بېرىپ، بىزگە قېرىنداشلىق مېھرىنى ھېس قىلدۇردى، شۇڭا جاپا تارتساقمۇ، چارچىساقمۇ ئەرزىيدۇ. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مۇقىملىقنى قوغداشتا كىچىك ئىش يوق، ئاممىۋى خىزمەتتە كىچىك ئىش يوق. خەلققە قولاي ساقچى پونكىتلىرى ئىناقلىقنى، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەشىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئاقسۇ شەھىرى لەڭگەر كوچىسى چاۋياڭ مەھەللىسىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قىرغىز قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن بولغان 8000 دىن كۆپرەك ئاھالە ئولتۇراقلاشقان، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بولۇپ باھالاندى. چېن چۈەنگو بۇ يەرگە كېلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مەھەللە ئاھالىسى ۋاڭ يىڭ موماي ئۆزى يازغان ‹‹19 – قۇرۇلتايغا مەدھىيە›› دېگەن شېئىرنى نەق مەيداندا ئوقۇپ بەردى. ۋاڭ يىڭ موماينىڭ پارتىيەگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى چېن چۈەنگونى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى، ئۇ موماينىڭ ساغلام بولۇشىنى، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىنى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تىلىدى. مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيىتى ئۆيىدە ‹‹كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى...›› دېگەن ناخشا ياڭرىدى، چېن چۈەنگو ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئارىسىغا چۆكۈپ، كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك سۆزى ۋە ئارزۇسىنى ئاڭلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بىز كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتى. باشتىن – ئاخىر ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ھال – ئەھۋالىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەختى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ساداسىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇشىمىز كېرەك.

  پەرھات ياسىننىڭ ئائىلىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، پەرھات ياسىن ئۈچ جان، يەنە كونا قوشنىسى يەن ۋۇيىڭ ئەر – خوتۇن بار ئىدى. چېن چۈەنگو پەرھات ياسىننىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ، ئۇلار بىلەن قىزغىن مۇڭدىشىپ، نېمىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى سوراپ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. پەرھات ياسىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، سودىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلىسەك ئېتىبار سىياسىتى بار، مەكتەپتە ئوقۇساق تولۇقلىما بار، داۋالانساق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى ئىنچىكە ئويلىغاچقا، كۆپچىلىك غەم – ئەندىشىسىز ياشاۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاق – ئىناق ئۆتۈپ، كۈنلىرىنى شېرىن ئۆتكۈزمەكتە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ. بىز نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، نەپنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، چىن كۆڭلىمىزدىن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر جۈپ ئەمگەكچان قولىمىزغا تايىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

   تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن چۈەنگو ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات جەھەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. چېن چۈەنگو ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1 –، 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  بىرىنچى، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ياخشى باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت، دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››دا غەلىبە قىلىپ، ‹‹ئۈچ بىرلەشمە ھەرىكەت››نى ياخشى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى غەلىبىلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ياخشى باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مالىيەنى چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قەرز ئېلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش، بىرگە يېقىنلىشىش››نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى ئۆستۈرمەسلىك، نەپسىنى يامان قىلماسلىق، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، 2020 – يىلى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ‹‹سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكى ۋە قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتا يېڭى ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېزا كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرساللىق، يېتەكچىلىك، تىرەكلىك ۋە ئومۇمىي خەلق خاراكتېرلىك فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنى ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنىڭ ياخشى باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، تەربىيە، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ياخشى باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسچىت، دىنىي زاتلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان تەربىيە، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى سىجىل چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

  بەشىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ھەم تەشەببۇسكار، قابىل بولۇشتا، ھەم مادارىغا بېقىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يەسلىگە كىرىدىغانلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار – يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شانلىق ئىدىيەسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇۋ ۋەنگۈي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.