تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  چېن چۈەنگو ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئايگۈل سۇلايماننىڭ ئۆيىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. ( سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  باش باھاردىكى ئالتايدا قارلار ئېرىپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇغانىدى. چېن چۈەنگو قاناس سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. كارخانا مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز سېغىن كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 800دىن كۆپرەك ئائىلە بىلەن مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى. چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇلىنى سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، پائال بازار ئېچىپ، كۆلەمنى مۇقىم كېڭەيتىپ، باشلامچى كارخانىغا خاس يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا تەرەققىياتى بىلەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئالتاي شەھىرى بىنخې يولى مەھەللىسىدە خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق 13 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، 3000غا يېقىن ئاھالە بار. چېن چۈەنگو مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، مەھەللىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، جامائەت مۇلازىمىتى خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››. ھەر بىر خىزمەتچى خەلقنى باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەختى ئۈچۈن باشتىن – ئاخىر تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى تىرىشىپ ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، بەخت ۋە شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئايگۈل سۇلايماننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. ئايگۈل سۇلايمان مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى بۇ يىلقى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى، بۇ بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز. ھازىر ئالتايدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بالدىنمۇ شېرىن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىمىزدىن ھىمايە قىلىمىز. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتكۈل پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان ئىسمى – جىسمىغا لايىق پارتىيەنىڭ يادروسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى، خەلقنىڭ داھىيسى، دۆلەتنىڭ رولچىسى، خەلقنىڭ يولباشچىسى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ شەخسنىڭ ئارزۇسى، ئائىلىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئالتۇنتاغ مەيدانىدىكى ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدا چېن چۈەنگو ساقچى پونكىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، نۆۋەتچىلىك قىلىش – ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، تەۋەلىك رايوننىڭ ئامانلىقى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساقچى پونكىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما ئىش بېجىرىشىمىز قولايلاشتى، بىخەتەرلىك تۇيغۇمىز ئاشتى، دېيىشتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ساقچى پونكىتى ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇھاپىزەت پونكىتى، ھەم خەلققە قولايلىق ۋە پايدىلىق مۇلازىمەت پونكىتى، تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنى قولاي، تېز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن چۈەنگو ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. چېن چۈەنگو ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ سوئالىغا تىرىشىپ ياخشى جاۋاب بېرىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  بىرىنچىدىن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىناق، مۇقىم يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››دا غەلىبە قىلىپ، ‹‹ئۈچتە ھەمتۈرتكە بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈم يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، 1 – كەسىپتە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۆزگىچە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ››، ‹‹مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى›› ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسى ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى سىجىل چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، شۇ رايوننىڭ ھۆكۈمەت قەرزىگە باش مەسئۇل بولۇپ، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈشى، جاۋابكارلىقىنى ياندۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈشى، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، ھەم ئۆلچەمنى ئاشۇرماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار – مۇزمۇ بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پۈتكۈل شىنجاڭ بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش؛ كادىرلار ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، بۈيۈك ئەخلاقنى بىلىپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، يالغۇزدا، دەسلەپتە، كىچىكتە، ھەۋەستە ئېھتىياتچان بولۇپ، خەلقنىڭ چاكىرىلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.