تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يولباشچىغا قەتئىي ئەگىشىپ، يەنە يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتايلى

  ـــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھەدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن ھىمايە قىلدى

  خەلقنىڭ ئارزۇسى تارىخنىڭ تاللىشى. 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  ‹‹بۇ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ تەنتەنىلىك تاللىشى!›› ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇدىن تارىم دەرياسىغىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئىلى دەرياسى ھەۋزىسىگىچە، ئورگاندىن مەكتەپلەرگىچە، يېزا – كەنتلەردىن زاۋۇتلارغىچە، شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرى بىر – بىرىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ، بەس – بەستە قىزغىن مۇھاكىمە قىلىپ، شاد – خۇراملىق ھېسسىياتى بىلەن داھىينى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

   كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئىجادچىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يولباشچى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق ھۆرمەت قىلىدىغان داھىي بولۇشقا، دۆلەتنىڭ رولچىسى بولۇشقا، خەلقنىڭ يولباشچىسى بولۇشقا لايىق. شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە قەلب ساداسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، كۈرەش ئارقىلىق يېڭى دەۋرنى روشەن شەرھلەپ، بىر مەقسەتتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پارلاق، شانلىق گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىمىز.

  مۇقەددەس دەقىقىگە گۇۋاھ بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جاڭ يەنبېي ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، دەپ جاكارلانغاندا، كۆپچىلىك ئىختىيارسىز قىزغىن چاۋاك چېلىپ كەتتۇق. شۇ چاغدا ھاياجانلانغانلىقىمدىن كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى. مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەيمەن.

  شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىق جەريانىغا گۇۋاھ بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جارقىن ئاخات ھاياجېنىنى زادىلا باسالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، دەۋرنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ماس ئىلگىرى سۈرۈلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك ئىشلىرىمىزدا چوقۇم تېخىمۇ زور يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مېھرىئاي ئىبراھىم مۇنداق دېدى: سايلام نەتىجىسى چىقىۋېدى، ھاياجانلانغىنىمدىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، چاۋاكتىن قوللىرىم قىزىرىپ كەتتى. ئاشۇ دەقىقە ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك، ئەڭ ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردۇر. ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن سەپداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، تارقىلىشچان، خەلق ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ يەنچىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر بىزنىڭ كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن بەختلىك، بۇلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنى كۆڭلىگە پۈككەن، ئۇ دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، بىز تولۇق ھىمايە قىلىمىز!

  بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى تامغىن زەڭگىن كەنتىدىكى مىرزات تۇردى مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، كەنتىمىز باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، قوي – كالىلارنى سېتىشتىن غەم قىلمايمىز. يۇرتداشلار ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، تۇرمۇش شارائىتى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭدەك يولباشچى بار بولغاچقا، بىزنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى.

  شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى توردا كۆرگەن بورتالا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى جىن خۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ سەمىمىي تەربىيەسى بىز ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىمىزدىكى قوللانما. ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سەمىمىي تەلىم – تەربىيەنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، ئاغۇ يېزىسى توغراق كەنتى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2014 – يىلى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئورنىنى بازا ئورنىدا چىڭ ساقلاپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەتنى كەسىپ ئورنىدا ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيەت داۋامىدا تۆھپە يارىتىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى مۇستەھكەملەيمىز.

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يەن خەيلىن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى پارتىيە رايىنىڭ مايىللىقى، ئەلرايىنىڭ ئىنتىلىشى، ئاۋامنىڭ ئارزۇسى. بۇ يىل خۇنەننىڭ شىنجاڭنىڭ تۇرپان شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، خۇنەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلىرى يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى فاتىمە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ تۇرۇپ، مۇشتىنى كۆتۈرۈپ قەسەم بەرگەندە قىلغان ھەر بىر سۆزى ناھايىتى پاساھەتلىك چىقتى. شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەرگەنلىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ۋە ئاساسىي قانۇننى قوغدايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە نامايان قىلدى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلىقىنى، ئۆزى ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى ۋە يۇقىرىدىكىلەرنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلدى، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې تيەنپىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا بەرگەن جاراڭلىق قەسىمى دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەنتەنىلىك ۋەدە. بىز پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دەۋرگە مۇناسىپ تۆھپە قوشىمىز!

  (لى ياڭ، جاۋ جىيۈن، چېن چياڭۋېي، دۇڭ شاۋخۇا، ياۋ گاڭ، مېھرىگۈل ناسىر، چېن چېن، جاۋ چۈنخۇا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.