تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 8–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 11– يىغىن ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 8 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ‹‹رېۋىزىيە قانۇنى›› لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ نۇسخىسىنىڭ قاراپ چىقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىدىن ئىبارەت ئالتە قارار لايىھەسىنىڭ قاراپ چىقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  يىغىن يۇقىرىدىكى لايىھەلەرنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 11 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 11 – يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 190، قاتناشقانلار 190، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قۇرۇلتاينىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىدىن ئىبارەت ئالتە قارار لايىھەسىنى، ‹‹رېۋىزىيە قانۇنى›› لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش تەكلىپ نۇسخىسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ئۇنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنۇشقا بىردەك قوشۇلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، تۈرلۈك قارار لايىھەلىرى ۋە ‹‹رېۋىزىيە قانۇنى›› لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.

  ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئايرىم – ئايرىم ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاش ئارقىلىق، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

   ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.