چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى
ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى لايىھەسى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقتى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دېيىشتى: رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى لايىھەسى قاتارلىقلارغا تولۇق قوشۇلىمىز.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، ليۇ خەيشىڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.