تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى چېڭ ئىلۇن بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى خەلق سارىيىدا كورېيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دۆلەت ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چېڭ ئىلۇن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ مون جائىن سىزنى ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ، سىزنىڭ چاۋشيەننى زىيارەت قىلىپ ۋە ئامېرىكىغا بېرىپ چاۋشيەن – ئامېرىكا سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىڭىزنى مەخسۇس جۇڭگوغا كېلىپ بىزگە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىپتۇ. جۇڭگو بۇنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان جۇڭگو يېرىم ئارالدىكى جەنۇب – شىمال ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، يارىشىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئامېرىكا – چاۋشيەننىڭ ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىشى، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشىنى ئىزچىل قوللايدۇ. يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، ئۇرۇشتىن، قالايمىقانچىلىقتىن خالىيلاشتۇرۇش جۇڭگونىڭ ئىزچىل مەيدانى. ھازىر يېرىم ئارال ۋەزىيىتى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتىكى مۇھىم سۆھبەت پۇرسىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو كورېيەنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىدۇ، كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ھەر قايسى تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگونىڭ ‹‹قوش رېلىستا تەڭ ئىلگىرىلەش›› تەسەۋۋۇرى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پايدىلىق تەكلىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى تەرەپلەر سەۋرچان ۋە ئىنچىكە بولۇپ، سىياسىي ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى تۈرلۈك مەسىلە ۋە كاشىلىلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشى ۋە ھەل قىلىشى كېرەك. بىز جەنۇب – شىمال باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ۋە چاۋشيەن – ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ھەم يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش جەھەتتە ئەمەلىي ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز. سەمىمىيەت قاتتىق تاشنىمۇ ئېرىتىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر دىققىتىنى يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ھەم تىنچ، مۇقىم بولۇش تۈپ نىشانىغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلا بولسا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئاخىرقى ھېسابتا مۇز ئېرىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ئىللىق باھارنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  چېڭ ئىلۇن زۇڭتۇڭ مون جائىننىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، زۇڭتۇڭ مون جائىننىڭ بۇلتۇر جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، كورېيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، بۇنىڭدا جۇڭگو مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينىدى. جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى، يېرىم ئارالدىكى جەنۇب – شىمال ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىشىنى قوللىدى، ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىپ، جەنۇب – شىمال مۇناسىۋىتىدە مۇھىم قەدەم تاشلاپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى. كورېيە جۇڭگوغا چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، ھازىرقى يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنى قوغداپ، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.