تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  ۋاڭ ياڭ 13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ياۋ تۇڭ، شى شىن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالى ئىللىق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لاردا، ۋاڭ ياڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە يىغىن مەيدانىغا كىرىشى بىلەن، مىللىيچە كىيىم كىيگەن ۋەكىل رۇقىيەم مەتسەيدى، قۇربان نىياز ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، دوپپا تەقدىم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالىي ئېھتىرامى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر قىزغىن چاۋاك چالدى، ۋاڭ ياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىر – بىرلەپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، ۋەكىللەر ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، بەس – بەستە سۆز قىلدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، رۇقىيەم مەتسەيدى، جاۋ جىنلۇڭ، سۈي جيۇشيۇ، لاچىن بايقى، ئەكبەر مەتناسىر، قۇربان نىياز قاتارلىق ۋەكىللەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، مائارىپ ئىشلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر – تەكلىپ بەردى.

  ۋاڭ ياڭ ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ ياڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى، بۇ، ئېلىمىز سىياسىي تۇرمۇشىدىكى نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش ۋاڭ ياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئېلىپ كەلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىمىز.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، ليۇ خەيشىڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.