تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقتى

  پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ، شى شىن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقتى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، دېموكراتىيە، كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى قانۇن بويىچە تەرتىپكە ئاساسەن چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى نامايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلغۇسى. ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلاپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىش كېرەك.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمىز. بۇ ئىككى دوكلاتنىڭ مەزمۇنى تولۇق، سانلىق مەلۇماتلىرى ئەمەلىي، پىلانلىنىشى پۇختا بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى نامايان قىلىنىپتۇ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ يىللىق خەلق ئىگىلىكى پىلانى ۋە مالىيە خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇپ، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇپتۇ. ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش جەريانىدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، ليۇ خەيشىڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.