تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى داۋاملىق قاراپ چىقتى

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى داۋاملىق قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نىڭ مەزمۇنى ئىخچام، سانلىق مەلۇماتلىرى تەپسىلىي ۋە ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ئەمەلىيەتچىل بوپتۇ، ئۇنىڭدا ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ. دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە بۇ يىلقى خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە خىزمەتلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرساقلا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى چوقۇم تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى چوقۇم تېخىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ۋەكىل شى داگاڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاپ ماڭغانلىقىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا. ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ يەكۈنلىنىپتۇ، مەسىلىلەر ئېنىق ئانالىز قىلىنىپتۇ، تەدبىرلەر دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ساپاسى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەلرايىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ، پورەكلەپ ئېچىلىپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل لى ۋېي مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، بەش يىلدىن بۇيانقى ھۆكۈمەت خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپتۇ، بۇ، ئەمەلىي جاۋاب ھەم پۇختا يىللىق پىلان بولۇپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل ما شۆجۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ تۈپ سەۋەب ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونىڭ يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاپ ماڭغانلىقىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغانلىقىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا. ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› بۇ چىڭ قائىدىنى جانلىق، كونكرېت، ئەمەلىي چۈشەندۈرگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ، شۇنداقلا ئۇلۇغ بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، يادرو قەتئىي ھىمايە قىلىنغان، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ چىڭ ساقلانغان، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ۋەكىل لو دۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن، بېكىتىلگەن نىشان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. شىنجاڭدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ۋەكىل غانىبات سابۇكەي مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، 2018 – يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، تەدبىرلىرى كۈچلۈك دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ۋەكىل پېڭ جيارۈي مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا خىزمەتلەر ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ئوبيېكتىپ، چوڭقۇر بوپتۇ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىلمىي، دەل جايىدا بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش تەلىپى بويىچە، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ ئىقتىدار››نى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ‹‹تۆت چوڭ رول››نى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۈەننىڭ بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ھەممىمىز بۇنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈردۇق، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيىتىمىزدە چوڭقۇر كۆرسىتىپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

  ۋاڭ گاڭ، ياسىن سىدىق، جاۋ جىنلۇڭ، نۇر مەمەت، لياۋ چاۋياڭ، رۇقىيەم مەتسەيدى، جاڭ چېڭيى، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ليۇ باۋزېڭ، زۇمرەت ئوبۇل، گو شياۋخۇڭ، قۇربان نىياز، مەمەت جۈمە، مۇساجان نۇردۇن، ئەكبەر مەتناسىر، ۋاڭ يەنچىڭ، مەمتىمىن قادىر، يوۋ لياڭيىڭ قاتارلىق ۋەكىللەر ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل تارىخىي نەتىجىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ ئىپتىخارلاندى، ھەسسىلەپ روھلاندى، ئىلھاملاندى. كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سانلىق مەلۇماتلىرى بىزنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەمدەمدە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتەن قوينىدىكى شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.