تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى   

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى ھەم مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ھارپىسىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم دوكلات بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئوتتۇرىغا قويغان 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىغا كۆرسىتىلمەكچى بولغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبەرلىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىغا كۆرسىتىلمەكچى بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى ھەم مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي چىڭ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى ھەم مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، يادرونى تونۇش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى ھەم مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى، نىشان – ۋەزىپىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىجتىمائىي جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش؛ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتقا قانۇن – نىزام بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ‹‹مىخ قېقىش›› روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.