تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش

  ــــ ج ك پ 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  ئاپپارات ئىسلاھاتى بىرمەيدان ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش.

  ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ‹‹پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆزلەنگەن زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، ئۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش... بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قىسىم مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپ ئالدىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، فۇنكسىيەسىنى سەپلەش ‹‹بەش بىرگەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بىلەن تېخى تامامەن ئۇيغۇنلىشىپ بولالمىدى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپى بىلەن تېخى تامامەن ئۇيغۇنلىشىپ بولالمىدى. مەسىلەن، بىر قىسىم ساھەلەردە پارتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەنىڭ سەپلىنىشى تېخى مۇكەممەل ھەم كۈچلۈك ئەمەس، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەلىرىنى ئايرىش دېگەندەك ئىلمىي ئەمەس، مەسئۇلىيىتى تولۇق بولماسلىق ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى بولماسلىقتەك مەسىلىلەر گەۋدىلىك، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن؛ بىر قىسىم ساھەلەردە ھوقۇق ھەرىكىتىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت، ۋەھاكازالار. بۇ مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلمىغاندا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەسىر يېتىدۇ.

  ‹‹ئاقىللار زامانغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، دانالار شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ باشقۇرۇش چارىسىنى بېكىتىدۇ››. يېڭى دەۋردە، پارتىيەمىز ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە، چوقۇم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ پىشقان، تىپى تېخىمۇ قېلىپلاشقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان زور ۋەزىپە. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي يۆنىلىشى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا تەسۋىرلەنگەن يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ پىلان بىزدىن ئاپپاراتلارنى ئىلمىي تەسىس قىلىش، فۇنكسىيەسىنى مۇۋاپىق سەپلەش، ئىشتاتتىن بىرتۇتاش پايدىلىنىش، تۈزۈلمە – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە، خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىمىزنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭقۇر ئۆزگىرىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشىغا جەزمەن تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئىسلاھاتنى خاتىرىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تاغ – دەريالارنى بۆسۈپ ئۆتۈش روھى بىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشتۇر. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان توسالغۇ ۋە نۇقسانلارنى تۈگىتىشكە ئىرادە باغلاپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.