تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شياڭگاڭ «ئۆسمۈرلەر ساقچى ئىشلىرى خەۋەرلىرى»نىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭغا چاغانلىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، شياڭگاڭلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بەخت تىلىدى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15- فېۋرال تېلېگراممىسى. چاغان ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 14- كۈنى شياڭگاڭ «ئۆسمۈرلەر ساقچى ئىشلىرى خەۋەرلىرى»نىڭ ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز قولى بىلەن چاغانلىق تەبرىك كارتىسى ياساپ ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، بالدۇرراق ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى ھەم شياڭگاڭلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

     شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان چاغانلىق تەبرىك كارتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، كارتىنى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ياساپسىلەر، خەتنىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل يېزىپسىلەر، سىلەرنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىڭلاردىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، سىلەرگە رەھمەت!

     شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن تەبرىك كارتىسىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، بۇلتۇر «ئۆسمۈرلەر ساقچى ئىشلىرى خەۋەرلىرى» مەڭگۈلۈك پائالىيەت مەركىزىدە سىلەر بىلەن كۆرۈشكەن مەنزىرىنى ئەسكە ئالدىم. سىلەر كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن شياڭگاڭلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالغا ئىنتىلىش، ياخشىلىققا ئىنتىلىشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار. ۋەتەن ۋە شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى ياش ئەۋلادلارنىڭ قولىدا. سىلەرنىڭ كۆپ كىتاب ئوقۇپ، كۆپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تارىخنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، دۆلەت ئەھۋالىنى كۆپرەك ئىگىلەپ، نەزەر دائىرەڭلەرنى كېڭەيتىپ، كۆپ كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، بالدۇرراق ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار بىلەن شياڭگاڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

     «ئۆسمۈرلەر ساقچى ئىشلىرى خەۋەرلىرى» 1974- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شياڭگاڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قارىمىقىدىكى تەشكىلات، شياڭگاڭلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قانۇنچىللىق تەربىيەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بېرىدىغان مۇھىم سۇپا، ھازىرغىچە جەمئىي 1 مىليون ياش- ئۆسمۈرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان، ئەزاسى 210 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، شى جىنپىڭ شياڭگاڭدا «ئۆسمۈرلەر ساقچى ئىشلىرى خەۋەرلىرى»نىڭ مەڭگۈلۈك پائالىيەت مەركىزى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۇنىۋېرسال مەشىق لاگېرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەشىق قىلىۋاتقان شياڭگاڭلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى يوقلىغانىدى. يېقىندا، شۇ چاغدا كۆرۈشۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان «ئۆسمۈرلەر ساقچى ئىشلىرى خەۋەرلىرى»نىڭ گو خۇڭشى، لو خاۋنىڭ قاتارلىق 22 ئەزاسى ئۆز قولى بىلەن چاغانلىق تەبرىك كارتىسى ياساپ، رەئىس شى جىنپىڭغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيدىغانلىقىنى ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.