تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2  – ئاينىڭ  12  – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2  – ئاينىڭ  12  – كۈنى رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
     شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە  جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
    گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ 2  – ئاينىڭ  12  – كۈنى رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى