تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3–ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى لو دۇڭچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلغان، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق يەكۈنلەنگەن، پارتىيە دۇچ كەلگەن خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىس ئىلمىي تەھلىل قىلىنغان، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىدىيەۋى قورال، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، تۈپ مىزان ۋە پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاۋ لېجى شۇجىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بىرىنچىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى تونۇش، سىياسىيدا يادرونى قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىش، يادرونى قەتئىي ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇستەھكەم ئېتىقاد، مۇتلەق سادىقلىق، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشنى يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى قوغداش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، پارتىيە نىزامنامىسىنى ھۆرمەت قىلىشتا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇش، ساداقەتمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى 1 – ئورۇنغا قويۇش كېرەك. باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش؛ غايە – ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش؛ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىۋىلىكى، دەۋرىيلىكى، پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، خەلققە بولغان ساپ قەلبنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىنى مەڭگۈ قولغا كەلتۈرۈش؛ مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، دائىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بوشاشماي تۇتۇش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي قاتتىق ئىنتىزام بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك. ئىنتىزامنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىشى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشىنى ‹‹سىنتاش›› قىلىپ، ئىنتىزامنى بايرىقى روشەن ھالدا تۇرغۇزۇپ، چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى باشتىن – ئاخىر ‹‹يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى››غا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››تىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇش، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇش، جازالاش ئالدىدا، ئىبرەت ئېلىش كەينىدە بولۇش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى بالدۇر، كىچىكىدىن تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئىنتىزام تەربىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دائىملىق ئىنتىزام تەربىيەسى ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىرادىسى، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىكنى توسۇش ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، قاتتىق چەكلەش، يۇقىرى بېسىم چۈشۈرۈش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى داۋاملىق تۈزەپ، ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدا ‹‹چىۋىن يوقىتىش›› بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش؛ تۈزۈم قەپىزىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە بولغان چەكلەش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەنپەئەت يەتكۈزۈش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىش، ئادەم ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە بىردەك قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزى يۇقىرى، ئۈنۈملۈك بولغان نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي، ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى پارتىيەنى باشقۇرىدىغان، پارتىيەنى ئىدارە قىلىدىغان شۇجى، بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشى، بەنزە ئەزالىرى ‹‹بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش›› مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇل دائىرىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى قىلچە يۈز – خاتىر قىلماي ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەخسىيەتسىز ۋە قورقۇمسىز بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە سادىق بولۇش، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، بەنزىگە رەھبەرلىك قىلىپ، قوشۇننى باشلاپ، ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، نەتىجە يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىستىلى توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، ياخشى خىزمەت يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلايدىغان، ئىنتىزامنى چىڭىتىدىغان روشەن يۆنىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››غا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە كۆز تىكىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ ‹‹مۇتلەق كۆپ سانلىقلار››نى ياخشى باشقۇرۇپ، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئىستىلدا ئەستايىدىل بولمىغان، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىكىلەردىن يوشۇرغان، ساختىپەزلىك قىلغان، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلغانلارنى بىردەك قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى توغرا يۆنىلىشنى ياخشى تۇرغۇزۇش كېرەك. ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ، ساداقەتمەن، پاك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  لو دۇڭچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك›› دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى، ج خ نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.