تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

   يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى،گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى پۈتۈن كۈن يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكى  ـــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىر دۆلەت، بىر پارتىيەگە نىسبەتەن رەھبەرلىك يادروسى ناھايىتى مۇھىم. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ يۈكسەك سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم بۇ خىزمەتنى ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشى توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزان›› ۋە ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى››گە كىرگۈزدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ئىنتايىن زۆرۈر، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ئۇنىڭدا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا پائال تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتگۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش – ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ياردەملىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم يىغىن ۋە مۇھىم خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان تۇنجى يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، توغرا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا چىڭ تۇرۇپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشقا، ئەمر – پەرمانلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى››نى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى بىر يىلدا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى ئاڭلىق قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن ئىبارەت بۇ خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئومۇمىيەتكە ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.