تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمغا بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى زور سىياسىي قارار

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت-قوراللىق ساقچى قىسىم -قىسىم رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور سىياسىي قارار، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى، پارتىيەنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى زور سىياسىي لايىھە ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  قوراللىق ساقچى قىسىم تەشكىللەنگەندىن تارتىپلا خاراكتېرى ئېنىق قىلىپ دۆلەت قوراللىق كۈچىنىڭ تەركىبىي قىسمى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ، دەپ بېكىتىلگەنىدى. كېيىن ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە كۈچ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك رەھبەرلىك – باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى كۆپ قېتىم تەڭشەلدى، لېكىن قوراللىق ساقچى قىسىم گەۋدىسىنىڭ قورال كۈچى بولۇش خۇسۇسىيىتىدە باشتىن – ئاخىر ئۆزگىرىش بولمىدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئۇنىڭغا بىرتۇتاش رەھبەرلىك – قوماندانلىق قىلىشى ئىچكى تەلەپ بولۇپ قالدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ئارمىيە دېگەن ئارمىيە، ساقچى دېگەن ساقچى، خەلق دېگەن خەلق›› پىرىنسىپى بويىچە قوراللىق ساقچى قىسىم رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش مۇقەررەر تەلەپ.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قوراللىق ساقچى قىسىمغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى نەزەردە تۇتۇپ، قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار زور فاڭجېن، پىرىنسىپلارنى، بىر قاتار زور تەدبىر، يوليورۇقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇش››تىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قوراللىق ساقچى قىسىم رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى ۋە ئۇ تۈپ مىزانغا ئىگە قىلىندى.

  قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ئاچقۇچى ۋە يادروسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمغا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىمغا بىرتۇتاش رەھبەرلىك – قوماندانلىق قىلىشى ‹‹ئاساسىي قانۇن››دىكى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىش، ھەربىي كومىتېت رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ تەلەپ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تۈزۈلمە توسالغۇسى ۋە گەۋدىلىك زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

  بۇ قېتىم رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشتە قوراللىق ساقچى قىسىم مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىشتاتىغا تەۋە بولدى، قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىغا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلىگەن ئىشتات مۇناسىۋىتى بويىچە تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىنىدۇ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلىرى بىلەن مۇناسىپ ۋەزىپە، ئېھتىياج ۋە خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. بۇ، دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچ ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى كۈچەيتىشكە، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا، رەھبەرلىك – باشقۇرۇش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. قوراللىق ساقچى قىسىم پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدىكى مۇھىم قوراللىق كۈچ، ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، ئاساسلىقى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، ياردەم بېرىش، مۇداپىئە – قوغدىنىش ئۇرۇشى قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تۈپ فۇنكسىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەرتىپىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  ئىسلاھات كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا پۇختا قەدەم تاشلانماقتا. قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش پۈتۈن ئارمىيەنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپلا قالماي، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭمۇ مۇھىم ئىشى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ھەقىقىي ئىشلەپ، قوراللىق ساقچى قىسىم رەھبەرلىك – قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنىڭ تەرتىپلىك ئۆزگەرتىلىشىگە، مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېگراممىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.