تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: 2018- يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر- بىرىگە باغلاشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ئىقتىساد خىزمىتىدە يېڭى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ماددىي ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بۇ يىلقى ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى تونۇشتۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىلى لىن يىفۇ سۆز قىلدى. ئۇلار ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھىمايە قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى قوللىدى ھەم رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئوتتۇرا، كىچىك پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆك ئاسماننى قوغداش ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش، تۇرالغۇ ئۆينى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە يۈزلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش، يەر شارى كىلىماتى ۋە مۇھىتىنى تۈزەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ياخشى ئىگىلەش، تەيۋەندىكى ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقاندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي ئىگىلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى پائال تېزلىتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەم دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ۋە يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 80 دىن ئارتۇق پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. كۆپچىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. مەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىزنى بەك ئىلھاملاندۇردى. بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىمۇ تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، باشقا ساھەلەردە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى مۇھىم ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ بەش يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئادەتتىكىچە بولمىدى، ئەمەلىيەت − تونۇش − يەنە ئەمەلىيەت − يەنە تونۇش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈردى. بەش يىللىق ئەمەلىيەت ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى، ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىرىنى ۋە تەرەققىيات تەپەككۇرىنى تەڭشىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى باسقۇچتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈشتىن ئىبارەت. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشىش ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بېكىتىش، ئىقتىسادىي سىياسەت تۈزۈش، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ تەلىپى بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەتراپلىق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارغا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، كۆپچىلىكنىڭ ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەزالارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان سىياسىي تونۇشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچى، كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە سىڭىشىش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئومۇمىيەتكە كاپالەتلىك قىلىشتا، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان باشلىنىش نۇقتىسى ھەم بۆسۈش ئېغىزىنى دەل تېپىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆزقارىشىنى توغرا ۋە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زىددىيەتنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشىغا پائال ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۈچىنچى، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە، تەشكىلات، تۈزۈم، بولۇپمۇ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ يەنە سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىل زاتلارنى تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، يۇ چۈەن، جۇ شياۋچۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە چى شۈچۇن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا ۋە خاۋ مېڭجىن، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، جياڭ زوجۈن، سۇ خۇي، شۈ خۇي، گۇ شېڭزۇ، جۇ يۇڭشىن، ساۋ خۇڭمىڭ، خۇاڭ رۇڭ، لى داۋكۇي قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.