تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك‹‹جەنۇب-جەنۇب ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى››باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى. تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جەنۇب – جەنۇب ئىنسانىي ھوقۇق مۇنبىرى›› 12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، مۇنبەرنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەققانىي، ئادىل، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان روھ بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ تېخىمۇ تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
    شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھەممە كىشى ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەر مىللىي ئازادلىق ۋە دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېرىشىپ، ئىززەت – ھۆرمەت ۋە بەختتىن بەھرىمەن بولۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ ۋە تىرىشىپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى.
   شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيادا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى چوقۇم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى  بىرلىكتە قۇرۇشنى خالايدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقىدى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 70 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن ئەمەلدار، ئالىملاردىن بولۇپ 300دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.