تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 11 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا 11 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى.
    قىشنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بېيجىڭنىڭ ئاسمىنى سۈپسۈزۈك ئىدى. ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكى سىرتىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىپقىزىل پاياندازنىڭ ئىككى يېنىغا رەتلىك تىزىلغانىدى. كانايچىلار تەبرىك كۈيىنى ياڭراتتى، جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلەر ئىلگىرى – كېيىن كېلىپ، پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەپ، بېيجىڭ زالىغا كىردى. ئەلچىلەر ‹‹بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى›› ئالدىدا تەرتىپ بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت خېتىنى سۇندى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ 11 باش ئەلچى تۆۋەندىكىلەر: نورۋېگىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېدېرسېن، كورېيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ يىڭمىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زاھىرى، رۇمىنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كونستانتىنېسكۇ، گامبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىسسې، ئېفىيوپىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوخانى، ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارنېيرو، لىۋاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەبرىل، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بامباۋالې، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يونان، پورتۇگالىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ ئاۋجيې.
    شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلققە سەمىمىي سالىمىنى، ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى تاپىلىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى، باش ئەلچىلەردىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
    ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 –  قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلىدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى نەتىجىلىرىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئەلچىلەر دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى ھەم شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. ئەلچىلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان پەيتتە، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدۇق، دۆلىتىمىز بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشىمىز.
    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.