تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ. ئاپتونوم رايون 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم يولى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، بۇرچ ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى مۇستەھكەم سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نىشان – ۋەزىپىلەر، ئاساسىي پىرىنسىپ، يولغا قويۇش قەدەم – باسقۇچلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، بېيجىڭ، سەنشى، جېجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، شەھەرنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، تەۋەلىكنى ئۆزگەرتىشنى باشلاش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى سىلىق ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلە ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پائال، مۇقىم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەۋەلىكنى ئۆزگەرتىش ئاچقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ‹‹قۇرۇلۇش ئەترەت باشلىقى››لىقنى ياخشى قىلىپ، بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىلىرى ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىيلىقنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇن ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ۋاقىت جەدۋىلى››، ‹‹يۆنىلىش خەرىتىسى››نى بېكىتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىسلاھاتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۇل خىزمەتلەرنى پائال، پۇختا، ئەستايىدىل، ئىنچىكە، چوڭقۇر، تەپسىلىي ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىش بېجىرىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆتكۈنچى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشتا بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىپ، كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە، زىممىدىكى مەسئۇلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تولۇق چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، كاللىغا ئورنىتىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ماس ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاكالىتەن تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى(ۋاكالىتەن تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېتى)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. بىڭتۈەن ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە(شەھەر) رايونلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى جايلاردىكى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.