تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى بېسىپ تارقىتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىزاڭ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ئوبلاستى (تۆۋەندە ‹‹ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست›› دېيىلىدۇ)، شۇنداقلا نامراتلىشىش نىسبىتى %18تىن ئېشىپ كەتكەن نامرات ناھىيە ۋە نامراتلىشىش نىسبىتى %20تىن ئېشىپ كەتكەن نامرات كەنتلەرنىڭ تەبئىي شارائىتى ناچار، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، نامراتلىشىش دەرىجىسى چوڭقۇر، بۇ جايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ‹‹قاتتىق سۆڭەك››، بۇ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاپ، ‹‹ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست››قا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەبلىغى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تۈرى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تەدبىرى، ئاساسلىقى ئېغىر نامرات رايونلارغا ئىشلىتىلىدۇ. مەركەزنىڭ مالىيە سېلىنمىسى سالمىقى، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە مەدەت بېرىش سالمىقى، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مايىللىشىش سالمىقى، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يولغا قويۇش سالمىقى، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە مەدەت بېرىش سالمىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق مەدەت بېرىش سالمىقى، جەمئىيەت ئارقىلىق يۆلەش سالمىقى زورايتىلىپ، كۈچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تىرەك كاپالىتى سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كەسىپلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست›› ۋە باشقا ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى بىر تۇتاش قوللىشى كېرەك. كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، مېيىپلىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يەر سىياسىتى ئارقىلىق قوللاش ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىشى كېرەك.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەرلىك ئورۇنلار بايلىقلارنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ كويىدا بولۇپ، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر كىشىلەرنى كۆزلەپ، جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز رايونىدىكى ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىلان تۈزۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تەڭشەپ ۋە تولۇقلاپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. نامرات كەنتلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىشى كېرەك.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغاپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق قاتارلىق خاھىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.