تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماختاشلارغا بېرىلمەي، جاھاندا ياخشى نام قالدۇرۇش كېرەك

  −باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈزكۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (10)

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

«شېئىر ئىرادىنى نامايان قىلسا، ناخشا ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدۇ». جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە، كىشىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە، ئېنىق، مېغىزلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان شېئىردىنمۇ ياخشى ژانىر يوق.

  «ماختاشلارغا بېرىلمەي، جاھاندا ياخشى نام قالدۇرۇش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە، شائىرانە ھېسسىيات بىلەن ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە نام- مەنپەئەتكە بېرىلمەيدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى، چوڭ دۆلەت ۋە چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى، ئۆزىنىڭ تەمكىنلىك بىلەن باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بۇنداق شائىرانە ھېسسىياتتىن كىشىلەر قەدىمىي بىر مىللەتنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىدىغان جاسارىتىنى، 100 يىلغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن بىر پارتىيەنىڭ كەلگۈسى ئىرادىسىنى كۆردى.

  بۈگۈنكى دۇنيادا قايسى پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئەڭ ئىشىنىدۇ؟ دېيىلسە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ئاساسى بار. بۇنداق ئىشەنچ بۇ مىللەتنىڭ چۈشكۈنلىشىپ خارابلىشىشتىن ئورنىدىن دەس تۇرۇشقىچە بولغان گۈللىنىش مۇساپىسىدىن، بۇ دۆلەتنىڭ «كەمبەغەللىك، قالاقلىق»تىن گۈللىنىپ، روناق تېپىشقىچە بولغان تەرەققىيات مۆجىزىسىدىن، بۇ پارتىيەنىڭ مىليونلىغان خەلقنى باشلاپ ئۇلۇغۋار كۈرەشلەرنى قىلىپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن كۈرەش تارىخىدىن كەلگەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا گۈل ۋە ئالقىشلا ئەمەس، جۇڭگونى چۈشۈرىدىغان ۋە قارىلايدىغان تۈرلۈك سەپسەتىلەرمۇ ياندىشىپلا كەلدى، «جۇڭگو ۋەيران بولىدۇ» دېگەندەك ھەر خىل سەپسەتىلەر ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. لېكىن جۇڭگو ۋەيران بولمايلا قالماي، ئەكسىچە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى بارغانسېرى زورىيىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ. «جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق». بۈگۈنكى جۇڭگو يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، بەش يىل باتۇرانە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات نىشانىغا يەتتى.

  زېمىستاندا غۇنچىلىغان مېيخۇا گۈلى جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا پورەكلەپ ئېچىلماقتا. شى جىنپىڭ ئۇنى ھازىرقى جۇڭگوغا سىمۋول قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقانداق جاپا- مۇشەققەت، خېيىم- خەتەردىن قورقمايدىغان تەمكىن ئىرادىسىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىپ، «سوتسىيالىزم» بىلەن «بازار ئىگىلىكى» بىرلەشتۈرۈلگىچە، ئاندىن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تەمكىن تاقابىل تۇرۇشقىچە، پارتىيەمىز خەۋپ- خەتەردىن قورقماي، پۇتلىكاشاڭ ۋە ئازدۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنى مۇقىم ئىلگىرىلەتتى. پارتىيەمىزنىڭ «ماختاپ يوقىتىش» ياكى «كالتەكلەپ يوقىتىش» ھەم قىيىنچىلىق ۋە سىناقلار ئالدىدا قەتئىي تەۋرەنمەي تاغدەك مۇستەھكەم تۇرالىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، پارتىيەمىز خەلقنىڭ پارتىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقانداق چاغدا ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، «خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان» ئەسلىي مەقسەتنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خەۋپ- خەتەردىن قورقمايدىغان، قۇربان بېرىشتىن يانمايدىغان» يۈكسەك پەزىلىتى بىلەن «باشقىلارنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرىگە پىسەنت قىلمىدى».

  «ئۆزىگە ئىشەنچ بولسىلا، ھەرقانداق مۈشكۈلاتنى يەڭگىلى بولىدۇ». ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئىرادىمىزدىن تەۋرەنمەي، زور جاسارەت بىلەن توختىماي ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىزم ئەجىر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان، قىيىن ئىشلار تېخى ئالدىمىزدا. ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان پەيتتە، 100 يىللىق كۈرەش نىشانى گىرەلىشىپ كەتكەن مەزگىلدە، بىز گۈل ۋە ئالقىشلارغا بېرىلىپ كەتمەسلىكىمىز، بىزدە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت ۋە ئىقتىدار بولۇشى كېرەك. سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىن ئىبارەت خەلقئارا ئورۇن ئۆزگەرمىدى. شۇڭا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات رىتىمىنى توغرا تاپقاندىلا، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ماختاشلارغا بېرىلىپ كەتمەي، بوران- چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلالايمىز.

  كوممۇنىستلار نام- مەنپەئەت قوغلاشمايدۇ، قۇرۇق گەپ ساتمايدۇ، ھەقىقىي ئىشلەپ، جاھاندا پاك نام قالدۇرۇشنى ئىستەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش تايىقى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى، يېڭى مۇساپە بىزنى كۈتمەكتە. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىرادىمىزدىن يانماي، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان بولساق، كوممۇنىستلارغا خاس كۈرەش ئارقىلىق نى- نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىدىن چوقۇم پورەكلىتىپ گۈل ئېچىلدۇرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.