تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يەنىمۇ يېڭى تۆھپە يارىتىش كېرەك

 چېن چۈەنگو مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يەنىمۇ يېڭى تۆھپە يارىتىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر 11 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋەكىللەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئەھۋاللاشماقتا. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش›› ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ ۋەكىللەر بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئەھۋاللاشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، بىڭتۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم خۇاڭ شۈخۇا، خۇاڭ دافا قاتارلىق ئىككى ئەخلاق نەمۇنىچىسىنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، باش شۇجىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەرنى يېتەكلەپ تىرىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ گۈزەل ئەخلاق يۈكسەكلىكىگە ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىزغا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىگەن، شان – شەرەپنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك. تەقدىرلەنگەن يولداشلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شان – شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۈلگىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئىككىنچى، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۈچىنچى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، ئەڭ مۇھىمى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش – تەربىيەسى ۋە تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا ياخشى قاتنىشىپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. توغرا ۋەتەن قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى بايرىقى روشەن ھالدا قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئالتىنچى، دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەلبكە پۈكۈپ، زىممىگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەدبىر تۈزۈپ، خىزمەتتە باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىغا خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى شىنمىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.