تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنسانىيەتكە يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (8)
«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  «گەرچە دۆلەت بولسىمۇ ئۇ، ئائىلىگە بەكرەك ئوخشايدۇ، جۇڭگوغا كەلگەن ھەممەيلەن، ئۇنى جەزمەن ماختايدۇ...». چەت ئەللىك ئىككى ناخشىچى ئىجارە ۋېلىسىپىت بىلەن كوچىلارنى ئايلىنىپ، ئۆزتارتقۇ بىلەن جۇڭگودىكى شادىمان چاغلىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋالدى. توردا مودا بولغان بۇ ئىنگلىزچە ناخشا دۇنياغا يۈزلەنگەن جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى نامايان قىلدى.

  «ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن داۋاملىق يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز». باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ قىممەت قارىشىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، %30تىن كۆپرەك تۆھپە نىسبىتى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىلگىرى «سۈت ۋە ھەسەل تېمىپ تۇرىدىغان جاي» قايتىدىن لىنىيە بويىدىكى خەلققە بەخت يارىتىدىغان جايغا ئايلاندى، جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە تەشەببۇسى خەلقئارا سەھنىدە يۈكسەك ئالقىشقا ئېرىشتى، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باشتىن- ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغان قەتئىي ئېتىقادىنى نامايان قىلماقتا. «جۇڭگو خەلقى ئۆزى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ». ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش، تىنچلىقنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزۈلدۈرمەي، مەدەنىيەت نۇرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش − جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بوشاشماي تىرىشىدىغان نىشانى.

  جۇڭگونىڭ كۈرىشى دۇنيانىڭ كۈرىشىگە ئايلاندى؛ جۇڭگونىڭ تۆھپىسى دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. 19- قۇرۇلتاي مەزگىلىدە 165 دۆلەتتىكى 452 ئاساسلىق پارتىيە 855 پارچە تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل مۇخبىرلىرى جەھەتتە يېڭى تارىخىي رېكورت يارىتىلدى. «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى بايانلىرى» ناملىق كىتاب قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا 22 خىل تىل، 25 نۇسخىدا 6 مىليون پارچىدىن كۆپرەك نەشر قىلىنىپ، دۇنيادىكى 160نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقىتىلدى. «دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈمىدى جۇڭگودا»، «دۇنيانىڭ 2030- يىلىدىكى قىياپىتى جۇڭگوغا باغلىق». خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئارزۇسى جۇڭگونىڭ دۇنيادا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈردى. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، جۇڭگودىكى يۈكسىلىش كەلگۈسىگە ئۈمىد بېغىشلىدى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى.

  «ئىنسانىيەتنى ئۈزۈل- كېسىل ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمىز». سوتسىيالىزم دۇنياغا كەلگەندىن بۇيانقى 500 يىللىق تارىخقا نەزەر سالساق، ماركس ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن دىققەت قىلىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشنى ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىدىغان يۈكسەك غايە قىلغان. مىللەت خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا دۇنياغا كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن- ئاخىر ماركسىزمنى ئۆزىنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، ئىنسانىيەتكە يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلدى. جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، «دۇنيا ھەممەيلەنگە ئورتاق، ھەممە بىر ئائىلە كىشلىرى» دەيدىغان تارىخىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان، «ھەممەيلەن ئورتاق ھەمكارلىشىش»، «ئىناق ئۆتۈپ، ئورتاق گۈللىنىش»تەك مەدەنىيەت روھىغا ئەمەل قىلىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، تەرەققىياتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر بىلگەچكە، باشتىن- ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتماقتا. تارىخ جۇڭگونىڭ «تىنچ، مۇلايىم، مەدەنىي» «ئويغاق شىر» ئىكەنلىكىنى، قانچە تەرەققىي قىلىپ زورايغانسېرى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇستەھكەم كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا.

  يولداش ماۋ زېدۇڭ 1956-يىلى «جۇڭگو ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1985-يىلى «كېيىنكى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا... سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ ۋەزنى ۋە رولىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، بىز ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشالايمىز» دېگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017-يىلى «مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دەپ جاكارلىدى. جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتكە يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.