تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى بارېرا بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق ياخشى تۈزۈشكە قوشۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، ‌‌‌‌‌‌‌‌17- نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 17- كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن پاناما زۇڭتۇڭى بارېرا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ بارېرا پانامانىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى زۇڭتۇڭى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن لاتىن ئامېرىكىسىدىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۇنجى دۆلەت باشلىقى، مەن جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

بارېرا مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئاخىر پاناما زۇڭتۇڭىلىق سالاھىيىتىدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭگودا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇپ، ئۇزاق يىلدىن بۇيانقى ئارزۇيۇمغا يەتتىم، بۇنىڭدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن. بۈگۈن سەددىچىن سېپىلىغا چىقىپ، سەددىچىن سېپىلىنىڭ جۇڭگونىڭ مىللىي روھى ۋە ئېگىلمەس- سۇنماس ئىرادىسىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇنى تەنتەنىلىك تەكىتلەيمەنكى، پاناما بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا «سەددىچىن سېپىلىغا چىقمىغان كىشى ئەزىمەت ھېسابلانمايدۇ» دېگەن گەپ بار. سىز جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدا كەسكىن سىياسىي قارار چىقاردىڭىز ھەم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدىڭىز. بۇ قەھرىمانلارچە ئۇلۇغ ھەرىكەت. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن. تۆھپىڭىز تارىخقا يېزىلىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو- پاناما خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقىنىغا 160 نەچچە يىل بولدى. ئىككى دۆلەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپتىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى روياپقا چىقاردى. ھېلىراقتا ئىككىيلەن يانمۇيان تۇردۇق، پاناما بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسى ئىلگىرى- كېيىن ئورۇنلاندى. جۇڭگو بىلەن پاناما خەلقى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بۇ كۆرۈنۈش دۇنياغا جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم ئۇچۇر يەتكۈزدى. جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ. ھازىر زىممىمىزگە جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەش، ئاساس سېلىش، كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت يېڭى تارىخىي بۇرچ يۈكلەندى. شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، جۇڭگو- پاناما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بەش ئايدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھە ئالاقىسى، ھەمكارلىقى تېز قانات يايدۇرۇلدى، بۇنى ياخشى باشلىنىش دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو پاناما بىلەن بىرلىكتە يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈرئەت، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىدە «بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ» دېگەن ۋەزىيەتنى يارىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاناما ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، بىر- بىرىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان دوستلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو پاناما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا پۈتۈن نىيىتى بىلەن چىڭ تۇرىدۇ. پانامالىق دوستلار چوقۇم جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىنى كۆرىدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاساسىي رامكىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە، يەرلىك قاتارلىق كەڭ كۆلەمدىكى كۈچلەرنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقى ئاساسىدا مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قاتناشقۇچى دەپ قارايدۇ، پاناما 21- ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا تەبىئىي ئۇزىرىشىدىكى مۇھىم رايونغا تامامەن ئايلىنالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. دېڭىز ئىشلىرى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ، دەسلەپكى قەدەمدە بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق خەلققە يېقىن ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، دەپ تەكىتلىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن تومۇرداش. جۇڭگو ئارزۇسىغا جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، گۈللىنىشكە ئىنتىلىشتەك ئەڭ چوڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگو پاناما بىلەن خەلقئارا ۋە رايون سەھنىسىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، پانامانىڭ جۇڭگو- لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىق مۇساپىسىدە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە ئەقىل- پاراسەت كۆرسىتىش ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

بارېرا مۇنداق دېدى: پاناما- جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. پاناما خەلقى پاناما بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا پانامانىڭ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پاناما بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بەش ئايدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىنىپ، پاناما بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ توغرا قارار ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم دەلىللەندى. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. پاناما جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئۆزئارا يېقىنلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، خەلق تۇرمۇشى، نامراتلارنى ئازايتىش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇندىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدۇ. پاناما جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇھىم دوستىغا ئايلىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. پاناما رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇلۇغ تەشەببۇسىنى پائال قوللاپ، خاس رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن پورت، دېڭىز ئىشلىرى، دېڭىز تىرانسپورتى، تۆمۈريول، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى لاتىن ئامېرىكىسىغا ئۇزارتىش، دۇنياۋى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا بىرلىكتە تۆھپە قوشىدۇ.

بارېرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسىلىقىغا سايلانغانلىقىنى قۇتلۇقلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن خەلقنى مەركەز قىلىشتەك فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېگىلمەس- سۇنماس روھىغا ناھايىتى قايىل بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى، يەنى 2050- يىلىغىچە بولغان دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئېنىق نىشانى ۋە يول خەرىتىسى بەلگىلەندى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. تارىخ جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش قارارىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلايدۇ.

بارېرا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ، دۇنيا خەلقىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ جۇڭگو ۋە دۇنيادا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىقتىساد- سودا، سېلىنما، دېڭىز تىرانسپورتى، تۆمۈريول، ئادەم كۈچى بايلىقى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، سۈپەت تەكشۈرۈش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا بارېرانى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شياۋفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.