تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تارىخنى خەلق ياراتقان

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (9)
«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتىدا «خەلق» سۆزى 200 قېتىمدىن كۆپرەك تىلغا ئېلىندى، «ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى» ئۈچ قېتىم تەكىتلەندى، «خەلقنى مەركەز قىلىش» تۆت قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «خەلق» ئەڭ تۈپ پەلسەپەدۇر.

«تارىخنى خەلق ياراتقان، بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر خەلققە مەنسۇپ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدىكى تەنتەنىلىك جاكارى ئۇنىڭ قەتئىي خەلقچىل مەيدانىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئەۋزەللىكى، ئەڭ روشەن سىياسىي ئاساسىنى تونۇتتى. شەرەپ خەلققە مەنسۇپ، رىشتىمىز خەلققە باغلانغان، كۈچ مەنبەيىمىز خەلقتە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇشۇنداق پارتىيەلا خەلق پارتىيەسى بولۇشقا مۇناسىپ، 100 يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن مۇشۇنداق چوڭ پارتىيەلا ساپ قەلبىنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ.

بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ھەتتا ھەربىي كۈچكە قويىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، «خەلق ئاممىسى كۈچ- قۇۋۋەت مەنبەسى»، خەلق «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق كۈچ». بۇ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئېتىقادى، شۇنداقلا 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىسى. قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى ھەربىيچە ئايىغىدىن، خۇەيخەي جېڭىدىكى قول ھارۋىسىغىچە؛ شياۋگاڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ بارماق ئىزىدىن، «ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىلىرى»غىچە، خەلقنىڭ كۈچى ئۇرغۇسىلا، ئاسمان- زېمىننى ئۆزگەرتكىدەك ئۇلۇغ كۈچ ھاسىل بولىدۇ. دەل مۇشۇنداق مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈچى بىلەن «قىزىل كېمە» نەنخۇدىن يولغا چىقىپ، شىددەتلىك ئېقىن ۋە خەتەرلىك ساھىللارنى كېسىپ ئۆتۈپ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن «چوڭ پاراخوت»قا ئايلاندى. بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھازىرغىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان خەلق پارتىيەسى. «جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى»، «جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ»، بىر خەلق پارتىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «خەلق» سۆزى ئەڭ كۈچلۈك تىرەك، ئەڭ چوڭقۇر جاسارەت، ئۇنىڭ ۋەزنىگە نېمە تەڭ كېلەلىسۇن؟

«خەلقنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەنسە، ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان ئىش يوق». شى جىنپىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە، چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ زېمىندا خەلق ئاممىسى ئارىسىدا تۇرغاندا، كىشى ئۆزىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ». ئۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدا «خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك!» دېگەن ئېتىقادنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئامما بىلەن «يانمۇيان ئولتۇرۇپ، سەمىمىي پاراڭلىشىپ»، «جۇڭنەنخەي باشتىن- ئاخىر خەلق ئاممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك» دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «خەلققە تايىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى... ئۆتكەن بەش يىلدا بىز ۋەتىنىمىز زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان ئىسلاھاتنىڭ غايەت زور دولقۇنى، يېڭىلىق يارىتىش قايناملىرىدا مۇشۇنداق كۈچنى ھېس قىلدۇق، بىز يەنە كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى ھېكايىلىرى، گۈزەل تۇرمۇشتىن مۇشۇنداق ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلدۇق. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئورتاق تىرىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

«ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلگەندە، جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ». پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ خاتىمىسىنىڭ بېشىدىكى بۇ جۈملىدە بىز كوممۇنىستلار 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ كەلگەن بۇ ئالىي غايىنىڭ چىن مەنىسى نامايان قىلىندى. تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك كىشىلىك تۇرمۇش يولىدىن ئىبارەت. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىشتە، «پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن ئوي- پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش»قا توغرا كېلىدۇ. يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈشتە، «يەتتە چوڭ ئىستراتېگىيە»نى يولغا قويۇشتا، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىشتا، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشتە بىزدە تولۇپ تاشقان ئىرادە، شۇنداقلا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىز پارتىيەمىزگە ئوخشاش «خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلققە مەھكەم تايىنالايدىغان» ھېچقانداق پارتىيەنىڭ يوقلۇقىغا؛ دۆلىتىمىزگە ئوخشاش «1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلقنى كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، بوران- چاپقۇنغا قارىماي، توختىماي ئىلگىرىلىيەلەيدىغان» ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ يوقلۇقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمىز.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەنگەندە بىر پېشقەدەم ئىنقىلابچى تيەنئەنمېن راۋىقىدا ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش نامايىشچىلار قوشۇنىغا قاراپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خەلق دېمەك دۆلەت دېمەكتۇر، دۆلەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر». ئىلگىرى خەلق «ھەقىقىي پولات ئىستىھكام» قۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ھىمايە قىلىپ، بارلىق مۈشكۈلات ۋە خېيىم- خەتەرلەرنى يەڭگەنىدى؛ كەلگۈسىدە خەلق تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلىپ، «جۇڭگو» ناملىق بۇ چوڭ پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىتەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15-نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.