تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

   چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتى ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرى توغرىسىدا ئازادە پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈرۈشتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، دوكلات پارتىيەمىزنىڭ مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزمنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى، تەلىپىگە ئاساسەن، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەش، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باشلامچىلىق ۋە ئۈلگىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈپ، يادروغا باشتىن – ئاخىر سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئورنىنى توغرا تېپىپ، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كالتسىي تولۇقلاپ سۆڭەكنى چىڭىتىدىغان، ئۇلنى مۇستەھكەملەيدىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش قىلىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەينەن، ئۆز پېتى، سۆزمۇ سۆز ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇرچنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەزىپىلەرنى تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسى ۋە روھى ئارقىلىق باشقىلار چىدىمايدىغان تاپا – تەنىلەرگە چىداپ، باشقىلار ئورۇندىيالمايدىغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، باشقىلار زىممىسىگە ئالالمايدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› يەسلى مائارىپى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يەسلىگە كىرىدىغانلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار – يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلشىتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش. بىز باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ھەم ئۆزىمىز مەسئۇل بولغان ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ھەم ئورتاق ھەمكارلىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

  ئالتىنچى، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك – تىرىشچان بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. قانۇن – نىزام، تۈزۈملەرنىڭ كەسكىنلىكىنى ۋە نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھى بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى باشلامچىلىق بىلەن پۇختا تىكلەپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يالغۇزدا، كىچىكتە، ھەۋەستە ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىزچىل ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسى بىلەن ئاڭلىق كۈرەش قىلىپ، كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرۇپ خىزمەت قىلىپ، ھوقۇقىنى توغرا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پاكىز ئىشلىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتى ۋە پاك دىيانىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقانلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.