تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن بىللە ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن بىللە ۋىيېنتياندا ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ماشىنا ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بېن ياڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ئۇنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى تۈرىنىڭ ئۈنۈم مودېلىنى بىرلىكتە كۆردى، جۇڭگولۇق باش ئارخىتېكتورنىڭ بۇ تۈر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئۇل سېلىش مۇراسىمى باشلانغاندا شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ بىرلىكتە ئۇل تاشقا توپا تاشلاپ، ئۈستىگە گۈل چاچتى.

  ئۇل سېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ بىللە دوختۇرخانىنىڭ كېسەلخانا بىناسىغا بېرىپ، جۇڭگودىن لائوسقا ياردەمگە كەلگەن كۆز كېسەللىرى تېببىي خادىملىرى بىلەن پاراڭلاشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق تېببىي خادىملارنىڭ يورۇقلۇق ۋە دوستلۇق ئەلچىلىرى سۈپىتىدە لائوستىكى ئاغرىقلارغا يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، جۇڭگو – لائوس دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى چىڭىتىشقا پائال تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھنى نامايان قىلغانلىقىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىپ، جۇڭگولۇق تېببىي خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. تېببىي خادىملار نەق مەيداندا جۇڭگولۇق دوختۇرلار ئوپېراتسىيە قىلىپ ساقايتقان كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئىككى لائوسلۇق ئاغرىقنىڭ كۆزىدىكى تېڭىقنى ئېلىۋەتتى. شى جىنپىڭ بۇ ئىككى ئاغرىقنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىغا، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەن لائوسلۇق ئاغرىقلار ھاياجانلانغان ھالدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن تېببىي خادىملارنىڭ ئۆزلىرىنى داۋالاپ، قايتىدىن بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو – لائوس ھەمكارلىقىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە كۆپرەك مايىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. قاتتىق ماتېرىيال بولغاندىن كېيىن، يەنە يۇمشاق ماتېرىيال قۇرۇلۇشىنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ سەھىيەگە مەسئۇل تارماقلىرى سىياسىي ئالاقە ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشى كېرەك.

  ماخوسو ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى جۇڭگو لائوسقا ياردەم بېرىپ يولغا قويغان خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر، ئۇ ماخوسودىكى ھازىرقى دوختۇرخانا ئاساسىدا يېڭىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان بولۇپ، لائوسنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش 2021 – يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  شۇ كۈنى شى جىنپىڭ لائوس جەڭچىلەر خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىق جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ۋىيېنتيان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە شەھەر باشلىقى شىن لافېڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇڭ سەي ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.